ترامپ بىلەن ماكرون سۈرىيە يىغىنىنى مۇزاكىرە قىلدى

فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكرون بىلەن ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ تېلېفوندا كۆرۈشۈپ، ئەتە (27-ئۆكتەبىر) ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلىدىغان سۈرىيە يىغىنىنى مۇزاكىرە قىلدى.

1076010
ترامپ بىلەن ماكرون سۈرىيە يىغىنىنى مۇزاكىرە قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيە ئېلسى سارىيىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، ماكرون بىلەن ترامپنىڭ تېلېفوندا كۆرۈشكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

 باياناتتا، ماكرون بىلەن ترامپنىڭ يىغىندىن بۇرۇن سۈرىيەنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى مۇزاكىرە قىلغانلىقى؛ ماكروننىڭ ئىدلىب رايونىدا ئۇرۇش توختىتىشنى داۋاملاشتۇرۇش ۋە سۈرىيە مىقياسى بويىچە ئۇرۇش توختىتىشنى مەقسەت قىلغان سىياسىي مۇزاكىرەلەرنىڭ تەپسىلاتلىرىنى ترامپ بىلەن ئورتاقلاشقانلىقى قەيت قىلىندى.

باياناتتا، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ مەزكۇر مەسىلىلەردە فىرانسىيەنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكى تەكىتلىنىپ: «فىرانسىيە بىلەن ئامېرىكا سۈرىيەدە ئوخشاش سىياسىي، ئىنسانىي ۋە خەۋپسىزلىك نىشانلىرىغا ئىگە. پىرېزىدېنت ترامپ پىرېزىدېنت ماكروندىن ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلىدىغان تۆت تەرەپ يىغىنىدا، بۇ نۇقتىلارنى كۈنتەرتىپكە قويۇشنى تەلەپ قىلدى» دېيىلدى.

باياناتتا يەنە، رەھبەرلەرنىڭ ئوتتۇرا مۇساپىلىق يادرو قوراللىرى كېلىشىمىنىمۇ مۇزاكىرە قىلغانلىقلىرىنى، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن بىلەن مەزكۇر مەسىلە بويىچە كۆرۈشۈش نىيەتلىرىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرگەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

تۆت تەرەپ سۈرىيە يىغىنى شەنبە (27-ئۆكتەبىر) كۈنى تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ساھىبخانلىقىدا، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن، فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكرون ۋە گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېلنىڭ قاتنىشىشى بىلەن ئىستانبۇلدا چاقىرىلىدۇ.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر