جەمال قاشىقجىنىڭ ئوغلى سەئۇدى ئەرەبىستاندىن چىقىپ كەتتى

سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ژۇرنالىست جەمال قاشىقجىنىڭ ئوغلى سالاھ بىن جەمال قاشىقجى سەئۇدى ئەرەبىستاننى تاشلاپ ئامېرىكىغا كەتتى.

1076506
جەمال قاشىقجىنىڭ ئوغلى سەئۇدى ئەرەبىستاندىن چىقىپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىستانبۇل كونسۇلخانىسىدا ئۆلتۈرۈلگەن ژۇرنالىست جەمال قاشىقجىنىڭ ئوغلى سالاھ بىن جەمال قاشىقجى سەئۇدى ئەرەبىستاننى تاشلاپ ئامېرىكغا كەتتى.

ئامېرىكا مېدىيارلىرىغا بايانات بەرگەن قاشىقجى ئائىلىسىدىن بىر كىشى، ھەم ئامېرىكا، ھەم سەئۇدى ئەرەبىستان پۇقراسى (يەنى قوش دۆلەت پۇقراسى) بولغان سالاھ بىن جەمال قاشىقجىنىڭ بىر قانچە ئاي ئىلگىرى سەئۇدى ئەرەبىستاندىن چىقىشىغا رۇخسەت قىلىنمىغانلىقىنى، بىراق تۈنۈگۈن سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتىنىڭ رۇخسىتى بىلەن ئامېرىكىغا كەلگەنلىكىنى ئېيتتى.

سالاھ بىن جەمال قاشىقجىنىڭ ۋىرگىنا ئىشتاتىدا تۇرۇشلۇق يەنە بىر ئائىلە ئەزالىرىنىڭ يېنىدا تۇرىدىغانلىقى ئۇقتۇلدى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر