ئىتالىيە سەئۇدى ئەرەبىستانغا قورال سېتىشنى توختىتىشنى مۇزاكىرە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

ئىتالىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئېنزو مواۋېرو مىلانېسى سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ژۇرنالىست جەمال قاشىقچى ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، سەئۇدى ئەرەبىستانغا قورال-ياراغ سېتىشنى توختىتىشنى مۇزاكىرە قىلغانلىقلىرىنى ئېلان قىلدى.

1075295
ئىتالىيە سەئۇدى ئەرەبىستانغا قورال سېتىشنى توختىتىشنى مۇزاكىرە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىتالىيە ئانسا (ANSA) ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلىشىىچە، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مىلانېسى: «ئىتالىيە قاشىقچى ۋەقەسىدىن كېيىن، گېرمانىيەگە ئوخشاش سەئۇدى ئەرەبىستانغا قورال سېتىشنى چوقۇم مۇزاكىرە قىلىدۇ. بىراق، سېتىپ بېرىلىۋاتقانلارغا مۇناسىۋەتلىك ئەھۋال توغرىسىدا مەلۇماتىم يوق. بۇ ئەھۋاللارنىمۇ ۋەقە ئاساسىدا مۇزاكىرە قىلىمىز» دېگەن.

ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتىنىڭ يازغۇچىسى سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ژۇرنالىست جەمال كاشىكچى 2018-يىل 2-ئۆكتەبىر رەسمىيەت بېجىرىش ئۈچۈن، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسۇلخانىسىغا بارغاندا ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن ئىدى.

سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتى 20-ئۆكتەبىر ژۇرنالست جەمال كاشىكچىنىڭ «كونسۇلخانا بىناسىدا يۈز بەرگەن سۈركىلىش نەتىجىسىدە ئۆلگەنلىكى» نى ئېلان قىلغان ئىدى.

جەمال قاشىقچى ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، گېرمانىيە سەئۇدى ئەرەبىستانغا قورال سېتىشنى توختاتتى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى باشقا دۆلەتلەرنىمۇ شۇنداق قىلىشقا چاقىردى.

ستوكھولم خەلقئارا تىنچلىق تەتقىقاتلىرى ئىنىستىتۇتى (SIPRI) نىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، سەئۇدى ئەرەبىستان 2017-يىلى دۇنيا بويىچە ئەڭ كۆپ قورال ئىمپورت قىلغان دۆلەت بولغان.

مەزكۇر ئىنىستىتۇتنىڭ 2013-يىلدىن 2017-يىلغىچە بولغان مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، ئەنگلىيە قورال-ياراغ سودىسىنىڭ %48.8 نى سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن قىلىدىغان بولۇپ، ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرى ئارىسىدا رىيادقا ئەڭ كۆپ قورال ئېكسپورت قىلغان. ئۇندىن قالسا، بېلگىيە سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن قورال سودىسىنىڭ %32 نى، شىۋېتسىيە %12.8نى، سلوۋاكىيە %11.8نى، ئىسپانىيە %8.3 نى، ئاۋستىرىيە %7.7 نى، ئىتالىيە %6.3 نى، فىنلاندىيە %5.8 نى، فىرانسىيە %5.5 نى، بۇلغارىيە %5.4 نى، گېرمانىيە %3.1 نى ۋە گوللاندىيە %2.4 نى قىلىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر