سەلمان: جامال قاشىقچى ۋەقەسىنى ئېنىقلاپ چىقىش مەسىلىسىدە تۈركىيە بىلەن ھەمكارلىشىۋاتىمىز

سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ژۇرنالىست جامال قاشىقچى ئۆلتۈرۈلگەندىن بۇيان بۇ ھەقتە تۇنجى قېتىم بيانات ئېلان قىلغان سەئۇدى ئەرەبىستان تەخت ۋارىسى شاھزادە مۇھەممەد بىن سەلمان، قاشىقچى ۋەقەسىنى ئېنىقلاپ چىقىش مەسىلىسىدە تۈركىيە بىلەن ھەمكارلىشىۋاتقانلىقلىرىنى ئېيتتى

1075136
سەلمان: جامال قاشىقچى ۋەقەسىنى ئېنىقلاپ چىقىش مەسىلىسىدە تۈركىيە بىلەن ھەمكارلىشىۋاتىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەن سەلمان، كېيىنچە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرىنى بۇزۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلار بار، ئۇلار پادىشاھ سەلمان، مەن ۋە جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بار يەردە ھەرگىزمۇ مەقسىتىگە يېتەلمەيدۇ.»

جامال قاشىقچىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈش ۋەقەسىنىڭ تولىمۇ ئېچىنىشلىق ۋەقە ۋە ئىنتايىن ئادالەتسىز ھادىسە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن سەلمان، بۇ ۋەقەنى ئېنىقلاپ چىقىش ئۈچۈن تۈركىيە بىلەن ھەمكارلىشىۋاتقانلىقلىرىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئادالەتنىڭ ھامان غەلىبە قىلىدىغانلىقىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ئىسلاھاتچىلارغا نىسبەتەن مۇھىم مۇنبەر ھېسابلىنىدىغان «‹ۋەتەن› گېزىتى» گە مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشقان ھەمدە غەرب تاراتقۇلىرىدا ئوتتۇرا شەرق رايونىغا مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلىرى بىلەن تونۇلغان جامال قاشىقچى، 2 – ئۆكتەبىر كۈنى رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىش ئۈچۈن سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىستانبۇلدىكى باش كونسۇلخانىسىغا كىرگەندىن كېيىن ئىز - دېرەكسىز يوقاپ كەتكەنىدى.

سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتى 2  - ئۆكتەبىر كۈنى ئىستانبۇل باش كونسۇلخانىسىغا كىرگەندىن كېيىن ئىز - دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ژۇرنالىست جامال قاشىقچىنىڭ «كونسۇلخانا بىناسىدا يۈز بەرگەن پاتپاراقچىلىق نەتىجىسىدە ئۆلگەنلىكىنى» ئېتىراپ قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر