خىتاي قاشىقجى جىنايىتى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى

خىتاي سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ژۇرنالىست جەمال قاشىقجىنىڭ ئۆلتۈرۈلىشىگە «كېلىشمەسلىك» دەپ باھا بەردى.

1075646
خىتاي قاشىقجى جىنايىتى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى خۇا چۇنيىڭ پايتەخت بېيجىڭدا چاقىرغان جىددىي ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، جەمال قاشىقجىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈش مەسىلىسى ھەققىدە سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ باياناتلىرىنى، تەكشۈرۈش باسقۇچى ۋە تۈركىيەنىمۇ ئۆز ئىچىگە بارلىق تەرەپلەرنىڭ باياناتلىرىنى يېقىندىن تەقىپ قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

 خىتاي قاشىقجىنىڭ ئۆلتۈرۈلىشىگە قارىتا «بۇ بىر كېلىشمەسلىك» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتتى.

خۇا چۇنيىڭ ۋەقەنىڭ مۇناسىىپ شەكىلدە بىر تەرەپ قىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئىلگىرى ژۇرنالىست قاشىقجىنىڭ ئۆلتۈرۈلىشىگە سۈكۈت قىلىپ تۇۋالغان ۋە بۇ ھەقتىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىشنىمۇ رەت قىلغان ئىدى.

ۋاشىنگىتون پوشتا گېزىتىنىڭ يازغۇچىسى جەمال قاشىقجى 2018يىلى 2ئۆكتەبىر سەيشەنبە كۈنى رەسمىيەت بېجىرىش ئۈچۈن سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسۇلخانىسىغا كىرىپ كەتكەنچە يوقۇلۇپ كەتكەن ئىدى.

سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتى 20ئۆكتەبىردە بايانات ئېلان قىلپ، جەمال قاشىقجىنىڭ كونسۇلخانىدا يۈز بەرگەن مالىمانچىلىق جەريانىدا ئۆلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى. 

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بۇ ھەقتە توختىلىپ، قول ئىلكىدىكى دەلىللەرگە ئاساسەن جەمال قاشىقجىنىڭ پىلانلىق بىر جىنايەتنىڭ قۇربانى بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر