ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى بىر پەلەستىنلىك ياشنى شېھىت قىلدى

ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى ئىشغال ئاستىدىكى غەربىي قىرغاقنىڭ تۇباس شەھىرىدە بىر پەلەستىنلىك ياشنى شېھىت قىلدى.

1074452
ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى بىر پەلەستىنلىك ياشنى شېھىت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جەنىن شەھىرىدىكى سەھىيە مەنبەلىرى، تۇباس شەھىرىنىڭ تاممۇن بازىرىدا ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن ئېتىلغان ئوق كۆكرىكىگە تېگىپ ئېغىر يارىلانغان 23 ياشلىق پەلەستىن ياش مۇھەممەد بەشاراتنىڭ شېھىت بولغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

نەق مەيداندىكى ئەھۋاللارنى كۆرگۈچىلەرمۇ تاممۇندا ئىسرائىلىيە كۈچلىرى بىلەن ئونلارچە پەلەستىن ياش ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەنلىكىنى، ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ پەلەستىنلىكلەرگە راست ئوق ۋە ياش ئاققۇزۇش گازى ئىشلىتىپ مۇداخىلە قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ۋەقە توغرىسىدا نە ئىسرائىلىيە دائىرىلىرى، نە پەلەستىن تەرەپ ھازىرغىچە ھېچقانداق ئىپادە بىلدۈرمىدى.

ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى، ئىشغال ئاستىدىكى غەربىي قىرغاق ۋە شەرقىي قۇددۇستا پات – پات ئۆيلەرگە باستۇرۇپ كىرىپ، ئاساسسىز دەۋالارغا تايىنىپ پەلەستىنلىكلەرنى نازارەت ئاستىغا ئالىدۇ ۋە ئەسكەرلەر بىلەن پەلەستىنلىكلەر ئارىسىدا توقۇنۇشلار يۈز بېرىپ تۇرىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر