G7 تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىدا جەمال قاشىقچى ۋەقەسى مۇھىم كۈنتەرتىپكە ئايلاندى

G7 دۆلەتلىرىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى سەئۇدى ئەرەبىستاننى ژۇرنالىست جەمال قاشىقچىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىگە مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈشلەرنى، تۈركىيە بىلەن ھەمكارلىشىپ چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا، ئىشەنچلىك، ئېنىق ۋە تېز ئېلىپ بېرىشقا چاقىردى.

1074486
G7 تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىدا جەمال قاشىقچى ۋەقەسى مۇھىم كۈنتەرتىپكە ئايلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنيادا ئىقتىسادىي ئەڭ تەرەققىي قىلغان يەتتە دۆلەتتىن تەشكىل تاپقان G7 دۆلەتلىرىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ژۇرنالىست جەمال قاشىقچىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىگە مۇناسىۋەتلىك بايانات ئېلان قىلدى. باياناتتا مۇنداق دېيىلدى:

«سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ تۈركىيە بىلەن زىچ ھەمكارلىشىپ، تەكشۈرۈشلەرنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا، ئېنىق ۋە تېز بىر تەرەپ قىلىشقا چاقىرىمىز. جەمال قاشىچىنىڭ ئۆلۈمى بىلەن ئاخىرلاشقان مەسىلىلەرگە مۇناسىۋەتلىك تولۇق ۋە ئوچۇق-ئاشكارا جاۋابكارلىققا تارتىش ئۈمىدىمىزنى تەكرارلايمىز.»

باياناتتا يەنە: «سەئۇدى ئەرەبىستان توغرىلىغان جەمال قاشىقچىنىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسۇلخانىدا ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز. جەمال قاشىقچىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنىڭ توغرىلىنىشى، ئوچۇق-ئاشكارا ۋە جاۋابكارلىققا تارتىشقا قاراپ ئىلگىرىلىگەن تۇنجى قەدەم ھېسابلىنىدۇ. بىراق، بېرىلگەن چۈشەنچە جاۋاب بېرىلمىگەن نۇرغۇن سوئاللارنى ئارقىدا قالدۇرۇپ قويدى. جىنايەتنىڭ جاۋابكارلىرىدىن ھېساب سورىلىشى لازىم. سەئۇدى ئەرەبىستان بۇندىن كېيىن، بۇنداق ۋەقەلەرنىڭ قايتا يۈز بەرمەسلىكى ئۈچۈن زۆرۈر تەدبىرلەرنى ئېلىشى لازىم. جەمال قاشىقچىنىڭ بېشىغا كەلگەنلەر، دۇنيا مىقياسىدا ژۇرنالىستلارنىڭ پىكىر ئەركىنلىكىنى قوغدىشىغا بولغان ئېھتىياجنى ئىسپاتلاپ بەردى.»

سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ژۇرنالىست جەمال قاشىقچىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىگە مۇناسىۋەتلىك باياناتقا، ئەنگلىيە، فىرانسىيە، گېرمانىيە، ياپونىيە، ئىتالىيە، كانادا ۋە ئامېرىكانىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ھەمدە ياۋروپا ئىتتىپاقى ئالىي ۋەكىلى ئىمزا قويدى.

ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتىنىڭ يازغۇچىسى سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ژۇرنالىست جەمال كاشىكچى 2018-يىل 2-ئۆكتەبىر رەسمىيەت بېجىرىش ئۈچۈن، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسۇلخانىسىغا بارغاندا ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن ئىدى.

سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتى 20-ئۆكتەبىر ژۇرنالست جەمال كاشىكچىنىڭ «كونسۇلخانا بىناسىدا يۈز بەرگەن سۈركىلىش نەتىجىسىدە ئۆلگەنلىكى» نى ئېلان قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر