رىيادنىڭ ھىمايىسىدىكى بىر گېزىتنىڭ يازغۇچىسى قاشىقجى ۋەقەسى تۈپەيلى ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەردى

ئەنگلىيەنىڭ پايتەختى لوندوندا نەشر قىلىنىدىغان سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ھىمايىسىدىكى «ئەششەرق ئەلئەۋسەت (ئوتتۇرا شەرق) گېزىتى» نىڭ پەلەستىنلىك يازغۇچىسى رابى مەدھۇن ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەردى.

1073756
رىيادنىڭ ھىمايىسىدىكى بىر گېزىتنىڭ يازغۇچىسى قاشىقجى ۋەقەسى تۈپەيلى ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيەنىڭ پايتەختى لوندوندا نەشر قىلىنىدىغان سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ھىمايىسىدىكى «ئەششەرق ئەلئەۋسەت (ئوتتۇرا شەرق) گېزىتى» نىڭ پەلەستىنلىك يازغۇچىسى رابى مەدھۇن، سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ژۇرنالىست جەمال قاشىقجى (خاشىقجى) نىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەردى.

رابى مەدھۇن ئىجتىمائىي تاراتقۇ تورى فەيسبۇكتىكى ئادرېسى ئارقىلىق «قاشىقجى مېنى دەم ئېلىشقا چىقاردى» دېگەن ماۋزۇ ئاستىدا بىر پارچە بايانات ئېلان قىلىپ، «كۆپىنچىسىنى پەلەستىن مەسىلىسى مەسئۇلى سۈپىتىدە ئۆتكۈزگەن 18 يىللىق خىزمەت ھاياتىمدىن كېيىن بۈگۈن لوندوندىكى ئوتتۇرا شەرق گېزىتىدىكى ۋەزىپەمدىن ئىستېپا بەردىم» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

كەسىپ ھاياتىغا دوستلىرى ۋە خىزمەتداشلىرى بىلەن بىرلىكتە بۇنىڭدىن 8 ئاي كېيىن ئۆتكۈزۈشنى پىلانلىغان بىر تەبرىكلەش پائالىيىتى ئارقىلىق خاتىمە بېرىشنى خىيال قىلىپ كەلگەنلىكىنى ئەسكەرتكەن مەدھۇن، 2 – ئۆكتەبىردە مەيدانغا كەلگەن ۋەقەنىڭ ھەممە ئىشنى ئاستىن – ئۈستۈن قىلىۋەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

باياناتىدا، «جىمجىت ۋە خاتىرجەم ھالدا دەم ئېلىشقا چىقىشنى پىلانلاۋاتقان بىر پەيتتە ھەممە ئىش ئاستىن – ئۈستۈن بولۇپ كەتتى. جەمال قاشىقجىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى ۋەھىمىلىك، قورقۇنچ، ئازابلىغۇچى، رەزىل شۇنداقلا مىسلى كۆرۈلمىگەن بىر ئىش ئىدى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بەرگەن مەدھۇن، قاشىقجىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىنى پىلانلىغان ياكى بۇنىڭغا قاتناشقانلارنىڭ سادىر قىلغان جىنايەتكە پاراللېل شەكىلدە جازالىنىشقا لايىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

گېزىتخانا مەدھۇننىڭ ئىستېپاسى توغرىسىدا ھازىرچە ھېچقانداق بايانات بەرمىدى.

مەدھۇن شۇنداقلا بىر رومان يازغۇچىسى بولۇپ، ئۇنىڭ پەلەستىن مەسىلىسى توغرىسىدىكى بىر پارچە رومانى 2016 – يىلى 9 – نۆۋەتلىك خەلقئارا ئەرەب رومانى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنىدى.

رىياد دائىرىلىرى، 2 – ئۆكتەبىردە سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسۇلخانىسىغا كىرىپ كەتكەندىن كېيىن ئىزدېرەكسىز يوقاپ كەتكەن قاشىقجىنىڭ «كونسۇلخانىدىكى جېدەل نەتىجىسىدە ئۆلۈپ كەتكەنلىكى» نى ئېلان قىلغانىدى.

سەئۇدى ئەرەبىستان رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى – سپانىڭ خەۋىرىدە، سەئۇدى ئەرەبىستان باش تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تەكشۈرۈشى نەتىجىسىدە، جەمال قاشىقجى ئىستانبۇل كونسۇلخانىسىغا كىرىپ، ئۇ يەردىكى باشقا سەئۇدى ئەرەبىستانلىقلار بىلەن دەتالاش قىلىشقا باشلىغانلىقى، تالاش – تارتىشنىڭ جېدەلگە ئايلانغانلىقى، نەتىجىدە قاشىقجىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى» نىڭ ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈلگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر