ماراكەش نۇرغۇن كۆچمەننى چېگرادىن قوغلاپ چىقاردى

ماراكەش ھۆكۈمىتى 141 ئافرىقىلىق كۆچمەننى چېگرادىن قوغلاپ چىقاردى.

1073696
ماراكەش نۇرغۇن كۆچمەننى چېگرادىن قوغلاپ چىقاردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ماراكەش قانۇنسىز يوللار بىلەن ئىسپانىيەگە كەتمەكچى بولغان كۆچمەنلەرنى چېگرادىن قوغلاپ چىقاردى.

ماراكەش دائىرىلىرى ئىسپانىيە زېمىنى بولغان مېلىللا شەھىرىگە قانۇنسىز يوللار بىلەن كىرىشكە ئۇرۇنغان 141 كۆچمەننى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىشنى قارار قىلدى.

ماراكەش ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئالدىنقى كۈنى يۈز بەرگەن كۆچمەنلەر ۋەقەسى تىلغا ئېلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: «ماراكەش دائىرىلىرى ئالدىنقى كۈنى مېلىللا ۋەقەسىگە ئارىلاشقان تۆۋەن سەھرا ئافرىقا دۆلەتلىرىدىن كەلگەن كۆچمەنلەرنىڭ ھەممىسىنى يۇرتىغا قايتۇرۇۋېتىشنى قارار قىلدى. »

باياناتتا، بۇ قارارنىڭ قانۇننىڭ روھىغا مۇۋاپىق يوسۇندا چىقىرىلغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

بۇ ۋەقەنى بېسىقتۇرۇش جەريانىدا ماراكەش خەۋپسىزلىك كۈچلىرىدىن 12 ئەسكەرنىڭ يارىلانغانلىقىمۇ بىلدۈرۈلدى.

ماراكەشتىكى كۆچمەنلەر ئالدىنقى كۈنى جەبىلتارىق بويىغا جايلاشقان ئىسپانىيەگە قاراشلىق مېلىللادىكى سىم توساقلاردىن ئاتلاپ قارشى تەرەپكە ئۆتۈۋاتقاندا ۋەقە يۈز بېرىپ، 1 كۆچمەن ئۆلۈپ 22 كۆچمەن يارىلانغانىدى.

ماراكەشتە قانۇنسىز ياشاۋاتقان ئافرىقىلىقلار، پات-پات ئسىپانىيەنىڭ شىمالىي ئافرىقىدىكى سېئۇتا ۋە مېلىللا قاتارلىق رايونلىرىنىڭ ئەتراپىغا ئورنىتىلغان 6 مېتىر ئېگىزلىكتىكى سىم توساقلاردىن ئاتلاپ ياۋروپاغا كېتىشكە ئۇرۇنۇپ تۇرىدۇ.

قارشى تەرەپكە مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتۈپ كەتكەنلەر بىر مەھەل لاگېرلاردا تۇتۇپ تۇرۇلغاندىن كېيىن يا قايتۇرۇۋېتىلىدۇ ياكى قويۇپ بېرىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر