مالايشىيادىكى تاغ سىيرىلىپ چۈشۈش ۋەقەسىدە ئۆلگەنلەر سانى 9 غا يەتتى
مالايشىيانىڭ پېناڭ ئۆلكىسىدە يۈز بەرگەن تاغ سىيرىلىپ چۈشۈش ۋەقەسىدە ئۆلگەنلەر سانى 9 غا يەتتى.
1073743
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مالايشىيانىڭ پېناڭ ئۆلكىسىدىكى بىر قۇرۇلۇش مەيدانىدا جۈمە كۈنىدىكى شىددەتلىك ھۆل – يېغىن كەلتۈرۈپ چىقارغان تاغ سىيرىلىپ چۈشۈش ۋەقەسىدە ئۆلگەنلەر سانى 9 غا يەتتى.
«The Star» گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇكىت كۇكۇس رايونىدا مەيدانغا كەلگەن تاغ سىيرىلىپ چۈشۈش ۋەقەسىدە 4 ئىشچى يارىلانغان.
خەۋەردە، جەسىتى تېپىلغان 9 كىشىدىن بەشىنىڭ باڭلادېشلىق، ئۈچىنىڭ ھىندونېزىيەلىك، بىرىنىڭ بىرمالىق ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى.
يوقاپ كەتكەن بىر كىشىنىڭ بىنا قالدۇقىنىڭ ئاستىدا قالغان بولۇش ئېھتىمالى بارلىقى بىلدۈرۈلدى.