ئافغانىستاننىڭ بەزى جايلىرىدا پارلامېنت سايلىمىنىڭ «داۋامى» ئۆتكۈزۈلمەكتە

ئافغانىستانلىقلار، پارلامېنت ئەزالىرى سايلىمىنىڭ ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلى تۈنۈگۈن ئېچىلمىغان سايلام ساندۇقلىرىغا بۈگۈن بېلەت تاشلاشنى باشلىدى.

1072623
ئافغانىستاننىڭ بەزى جايلىرىدا پارلامېنت سايلىمىنىڭ «داۋامى» ئۆتكۈزۈلمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇستەقىل سايلام كومىتېتى، دۆلەت مىقياسىدىكى 14 ۋىلايەتتە ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلى تۈنۈگۈن ئېچىلمىغان 400 گە يېقىن سايلام مەركىزىدە بۈگۈن بېلەت تاشلاشقا بولىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

خەلق بۈگۈن سەھەردىن باشلاپ پارلامېنتتا ئۆزىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان كىشىلەرنى سايلاپ چىقىش ئۈچۈن بېلەت تاشلاشنى باشلىدى.

ئافغانىستاندا تىزىمغا ئېلىنغان 8 مىليون 800 مىڭ بېلەت تاشلىغۇچى بار بولۇپ، بۇ قېتىمقى سايلامدا 2558 پارلامېنت ئەزاسى نامزاتى رىقابەتلەشمەكتە.

يەنە بىر تەرەپتىن تۈنۈگۈن كەچتە پايتەخت كابۇلدىكى بىر سايلام مەركىزىدە ئادەم بومبا ھۇجۇمى يۈز بېرىپ، 15 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى.

تۈنۈگۈن ئافغانىستاننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى سايلام مەركەزلىرى جەمئىي 193 قېتىم ھۇجۇمغا ئۇچراپ، كۆپ سانلىقى پۇقرا بولۇپ جەمئىي 36 ئادەم جېنىدىن ئايرىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر