ترامپ: مېكسىكا كۆچمەنلەر ئېقىنىغا تاقابىل تۇرالمىسا، چېگرانى تاقايمەن

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ مېكسىكا قانۇنسىز كۆچمەنلەر ئېقىنىغا تاقابىل تۇرالمىسا، ئامېرىكا ئارمىيەسىنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈپ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ مېكسىكا بىلەن تۇتىشىدىغان جەنۇبىي چېگرا رايونلىرىنى تاقايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1072075
ترامپ: مېكسىكا كۆچمەنلەر ئېقىنىغا تاقابىل تۇرالمىسا، چېگرانى تاقايمەن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىي چېگرا رايونلىرىدىكى قانۇنسىز كۆچمەنلەر ئېقىنى مەسىلىسىنىڭ جاۋابكارىنىڭ دېموكراتلار پارتىيەسى بىلەن مېكسىكا ھۆكۈمىتى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ مۇنداق دېدى: «ئوچۇق چېگرا ۋە تەسىر كۈچى بولمىغان قانۇنلارنى قوللاۋاتقان دېموكراتلار پارىيەسى باشلامچىلىقىدىكى دۆلىتىمىزگە كېلىۋاتقان قانۇنسىز كۆچمەنلەر ئېقىنىغا قاراپ تۇرۇشتىن باشقا ئامالىم يوق، دۆلىتىمىزگە كېلىۋاتقان قانۇنسىز كۆچمەنلەر بولۇپمۇ تېگى گىۋاتېمالالىق، ھوندۇراسلىق ۋە سالۋادورلۇق كىشىلەردىن تەشكىل تاپىدۇ.»

مېكسىكىدىن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا كېلىۋاتقان  قانۇنسىز كۆچمەنلەر مەسىلىسى، ترامپنىڭ 2016 – يىلقى پىرېزىدېنت سايلىمى سەپەرۋەرلىك ھەرىكەتلىرى جەريانىدىمۇ مۇھىم كۈنتەرتىپ ماددىلىرىدىن بىرىگە ئايلانغانىدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئاخىرقى قېتىم ئاۋغۇست ئېيىدا بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، «مېكسىكا چېگراسىنى تاقاش ئۈچۈن سېپىل سوقۇش قۇرۇلۇشى ئاللىقاچان باشلاندى» دېگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر