تۈركىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىنى ۋەدىسىنى ئورۇندىماسلىق بىلەن تەنقىد قىلىدى

مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياۋۇز سەلىم كىران ياۋروپا ئىتتىپاقىنى ۋەدىسىنى ئورۇندىماسلىق بىلەن تەنقىد قىلىدى.

1071819
تۈركىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىنى ۋەدىسىنى ئورۇندىماسلىق بىلەن تەنقىد قىلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياۋۇز سەلىم كىران، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ سۈرىيەلىك كۆچمەنلەر ئۈچۈن تۈركىيەگە بەرگەن ۋەدىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشى ۋە تۈركىيە پۇقرالىرىغا قارىتىلغان ۋىزا بەلگىلىمىسىنى بىكار قىلىشى لازىملىقىنى ئېيتتى.

مىنسىتىر كىران ئاۋسترىيەنىڭ پايتەختى ۋىيانادا كۆچمەنلەر مەسىلىسى توغرۇلۇق چاقىرىلغان يىغىندا سۆز قىلدى.

20- ۋە 21-ئەسىرلەردە دۇنيانىڭ ئەڭ مۇھىم مەسىلىلىرىدىن بىرى بولغان كۆچمەنلىك مەسىلىسىگە تۈركىيەنىڭ ناتونۇش ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتكەن كىران، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تۈركىيەگە كۆچمەنلەر توغرۇلۇق  بەرگەن ۋەدىسىنى ھازىرغىچە ئىشقا ئاشۇرمىغانلىقىنى ئېيتتى.

تۈركىيەنىڭ مەدەنىيىتىدە تۇيغۇداشلىق ۋە مەرمەمەت قارىشىنىڭ تولىمۇ كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى ئېيتقان كىران، تۈركىيەنىڭ كۆچمەنلەر ئۈچۈن ھازىرغىچە 33 مىليارد دوللار سەرپ  قىلغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

تۈركىيەنىڭ سۈرىيەدە ئىنسانىي تىراگېدىيە يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان كىران، ياۋروپا ئىتتىپاقىنى ۋەدىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇماسلىق بىلەن ئەيىبلىدى.

كىران: كۆچمەنلىك كېلىشىمىنىڭ روھى بويىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى خالىسانە ئىنسانىي قوبۇل پىروگراممىسىنى دەرھال ئىجرا قىلىشى، تۈركىيەگە كۆچمەنلەر توغرۇلۇق بەرگەن ۋەدىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشى ۋە تۈركىيە پۇقرالىرىغا قارىتىلغان ۋىزا بەلگىلىمىسىنى بىكار قىلىشى كېرەك، دېدى.

مۇئاۋىن مىنىستىر ياۋۇز سەلىن كىران، تۈركىيەنىڭ كۆچنى كەلتۈرۈپ چىقارغان سەۋەبلەر ئۈستىدىمۇ ئىزدىنىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ، تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنىڭ بەرپا بولۇشى ئۈچۈن تۈركىيەنىڭ ھەر ۋاقىت كۈچ چىقىرىشقا تەييار ئىكەنلىكىنىمۇ تەكىتلەپ ئۆتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر