ماراكەشتە چىرىكلىككە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

ماراكەشنىڭ كازابلانكا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتا پاراخورلىققا قارشىنا نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

1068548
ماراكەشتە چىرىكلىككە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى  رادىيوسى خەۋىرى: ماراكەشنىڭ كازابلانكا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتا چىرىكلىك ۋە پاراخورلىققا قارشى تۇرۇشقا چاقىرىلدى.

ماراكەش دۆلەت ۋە جەمئىيەت مال-مۈلكىنى قوغداش جەمئىيىتىنىڭ چاقىرىقىغا بىنائەن ئەن ناسر مەيدانىغا يىغىلغان يۈزلەرچە نامايىشچى، چىرىكلىككە چېتىلغانلارنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىققا تارتىلىشى لازىملىقىنى بىلدۈرۈپ شوئارلار توۋلاشتى.

نامايشچىلار «چىرىكىلىك، دۆلەت ۋە جەمئىيەت مال-مۈلكىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىشنى توختىتىڭلار»دېگەن مەزمۇندا يېزىلغان لوزۇنكىلارنى كۆتۈرۈپ مېڭىشتى.

جەمئىيەت باشلىقى مۇھەممەد ئەل-غالۇسى: بۇ قېتىمقى نامايىش پاراخورلۇق ۋە چىرىكىلىككە قارشى كۈرۈش ئۈچۈن قىلىنغان كوللېكتىپ چاقىرىقتۇر، دېدى.

چىرىكلىك، دۆلەت ۋە جەمئىيەت مال-مۈلكىنىڭ بۇلاڭ –تالاڭ قىلىنىشىنىڭ تەرەققىيات ۋە دېموكراتىيەگە  زور توسالغۇلار پەيدا قىلغانلىقىنى ئېيتقان غالۇسى «ھۆكۈمەتنى پاراخورلۇق ۋە چىرىكلىك قىلمىشلىرىغا تاقابىل تۇرالماسلىق» بىلەن ئەيىبلىدى.

ماراكەش باش مىنىستىرى سادەددىن ئەل-ئوسمانى ئۆتكەن ئاي بايانات بېرىپ، ماراكەشنىڭ چىرىكلىك ۋە پارخورلۇق قىلمىشى سەۋەبىدىن زامانىۋى ۋە ئىلغار ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان 150 دوختۇرخانا سېلىش پۇرسىتىنى قولدىن بېرىپ قويغانلىقىنى ئەسكەرتكەنىدى.

ماراكەشتە چىرىكلىككە قارشى كۈرەش قىلىش ئۈچۈن 2017-يىلى 21-سېنتەبىردە مىنىستىرلار كېڭىشى قارارى بىلەن « چىرىكلىككە كۈرەش قىلىش كومىتېتى»بەرپا قىلىش توغرىسىدا قارارنامە ئىمزالىنىپ، چىرىكلىككە قارشى ئىستىراتېگىيەسى پىلانىغا 200 مىليون دوللار راسخوت ئاجرىتىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر