ئامېرىكىلىق راھىب تۈركىيەدىن ئايرىلدى

فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى بىلەن بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نامىدىن جىنايەت سادىر قىلىش ۋە جاسۇسلۇق قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ سوتلىىنىۋاتقان ئامېرىكىلىق راھىب ئاندرېۋ برۇنسون تۈركىيەدىن ئايرىلدى.

1067907
ئامېرىكىلىق راھىب تۈركىيەدىن ئايرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇزۇندىن بۇيان سوتلىنىۋاتقان سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن 3 يىل 1 ئاي 15 كۈنلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان، كېيىنچە نەزەربەند قىلىنغان ئامېرىكىلىق  راھىب ئاندرېۋ برۇنسون،  تۈنۈگۈن ئىزمىر 2 – جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىدە سوتلىنىپ قويۇل بېرىلگەندىن كېيىن، بىر مەزگىل ئۆيىدە ئارام ئالدى، ئاندىن رەپىقىسى نورىنې برونسۇن بىلەن بىرلىكتە مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن گېرمانىيەگە كەتتى.

ئامېرىكىلىق راھىبنى كەچ تەرەپلەردە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئەنقەرە باش ئەلچىسى جېرېي ھوۋېنېر ئىزمىر ئەدنان مەندەرەس ئايرودۇرۇمىدىن ئۇزىتىپ قويدى.

ئىگىلىنىشىچە، ئامېرىكىلىق راھىب ئاندرېۋ برۇنسون گېرمانىيەدە ئىككى كۈن تۇرغاندىن كېيىن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا ئۆتىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر