ترامپنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ژۇرنالىست ھەققىدە بەرگەن مەلۇماتىنىڭ يالغان ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ يوقاپ كەتكەن سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ژۇرنالىست جامال قاشىقچى ھەققىدە بەرگەن مەلۇماتىنىڭ توغرا ئەمەسلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

1067213
ترامپنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ژۇرنالىست ھەققىدە بەرگەن مەلۇماتىنىڭ يالغان ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ 2 – ئۆكتەبىر كۈنى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىستانبۇلدىكى باش كونسۇلخانىسىغا كىرگەندىن كېيىن يوقاپ كەتكەن ئۆكتىچى ژۇرنالىست جامال قاشىقچى ھەققىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېگەنىدى: «ئىستانبۇلدا بىزنىڭ تەپتىشلىرىمىز بار، ۋەقەنى تۈركىيە بىلەن بىرلىكتە، توغرىراقى سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن بىرلىكتە  تەكشۈرۈۋاتىمىز، ۋەقەنىڭ سىرىنى چوقۇم ئېنىقلاپ چىقىمىز.»

ترامپ ئامېرىكىنىڭ «‹ Fox › تېلېۋىزىيە قانىلى» نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بەرگەن باياناتىدا، بۇ مەسىلىنى يېقىندىن تەقىب قىلىۋاتقانلىقلىرىنى، جۈملىدىن بۇ مەسىلىنى تۈركىيە ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن بىرلىكتە تەكشۈرۈۋاتقانلىقلىرىنى ئيېتقانىدى.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، دىپلوماتىك مەنبەلەر، «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ئۆكتىچى ژۇرنالىست جامال قاشىقچى ھەققىدە بەرگەن مەلۇماتلىرى توغرا ئەمەس» دېگەن.

سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ئىسلاھاتچىلارغا نىسبەتەن مۇھىم مۇنبەر ھېسابلىنىدىغان «‹ۋەتەن› گېزىتى» گە مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشقان ھەمدە غەرب تاراتقۇلىرىدا ئوتتۇرا شەرق رايونىغا مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلىرى بىلەن تونۇلغان جامال قاشىقچى، 2 – ئۆكتەبىر كۈنى رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىش ئۈچۈن سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىستانبۇلدىكى باش كونسۇلخانىسىغا كىرگەندىن كېيىن يوقاپ كەتكەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر