كەركۈكتە دائېش ئەزالىرى بىلەن توقۇنۇش يۈز بەردى
ئىراقنىڭ كەركۈك ۋىلايىتىدە تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش بىلەن يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا بىر ساقچى ھاياتىدىن ئايرىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كەركۈك ساقچى تەشكىلاتى ئەزاسى يۈزبېشى ھامىد ئەل ئۇبەيدى فېدېراتسىيە ساقچى قىسىملىرىنىڭ كەركۈكنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى ھاۋىجە ناھىيەسىدە، تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش ئەزالىرى بىلەن توقۇنۇشقانلىقىنى بىلدۈردى.
ھامىد ئەل ئۇبەيدى توقۇنۇشتا 3 تېررورچىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ۋە ئوفىتسېر دەرىجىلىك بىر ساقچىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئېيتتى.
ھامىد ئەل ئۇبەيدى كەركۈكنىڭ باغداد يولى رايوندا ئەتىگەن سەھەردە يۈز بەرگەن بومبا ھۇجۇمىدىمۇ جېنىدىن ئايرىلغانلار سانىنىڭ 2 گە چىققانلىقىنى ئەسكەرتتى.
ساقچى مەسئۇللىرى ئەتىگەن ئېلان قىلغان دەسلەپكى باياناتىدا، يولغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بومبىنىڭ پارتلىشى سەۋەبىدىن 1 كىشى ئۆلۈپ، 4 كىشىنىڭ يارىدار بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
ئىراق باش مىنىستىرى ھەيدەر ئەل ئىبادى 2017 – يىلى دېكابىردا تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ ئىراقتىكى ھەربىي مەۋجۇتلۇقىغا خاتىمە بېرىلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، بىراق دائېشنىڭ مەخپىي ئەزالىرى ئىراقنىڭ ئوخشاش بولمىغان جايلىرىدا پات- پات تېررورلۇق ھۇجۇملىرى بىلەن پەيدا قىلماقتا.