ۋېنگىرىيە تاراتقۇلىرى جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ زىيارىتىگە كەڭ ئورۇن ئاجراتتى

ۋېنگىرىيە تاراتقۇلىرى جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ 8 – 9 – ئۆكتەبىر كۈنلىرى ۋېنگىرىيەگە قىلغان رەسمىي زىيارىتىگە كەڭ ئورۇن ئاجراتتى.

1066057
ۋېنگىرىيە تاراتقۇلىرى جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ زىيارىتىگە كەڭ ئورۇن ئاجراتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋېنگىرىيەدە چىقىدىغان داڭلىق گېزىتلەردىن بىرى بولغان «‹ ماگيار ئىدۆك › گېزىتى»، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ زىارىتىگە ئالاقىدار خەۋىرىدە، ۋېنگىرىيە باش مىنىستىرى ۋىكتور ئورباننىڭ «تۈركىيەنىڭ مۇقىملىقى بىزگە پايدىلىق» تەرىقىسىدىكى سۆزلىرىنى سەرلەۋھە قىلىپ ئېلان قىلدى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ زىيارىتى دائىرىسىدە ۋېنگىرىيە   پىرېزىدېنتى جانوس ئادېر، باش مىنىستىرى ۋىكتور ئوربان، پارلامېنت باشلىقى لازىسلو كۆۋېر بىلەن بىر يەرگە جەم بولغانلىقى ئەسكەرتىلگەن خەۋەردە، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ بۇداپېشتتىكى ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى دەۋرىگە ئائىت يادىكارلىقلاردىن «گۈل بابا مەقبەرىسى» نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشقانلىقى قەيت قىلىندى.

گېزىتنىڭ خەۋىرىدە يەنە، ۋېنگىرىيە باش مىنىستىرى ۋىكتور ئورباننىڭ جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ زىيارىتى توغرۇلۇق توختالغاندا قىلغان مۇنۇ سۆزى نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق دېيىلدى: «ۋېنگىرىيەنىڭ بىخەتەرلىكى تۈركىيە بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىكتۇر. تۈركىيەدە كۈچلۈك بىر ھۆكۈمەتنىڭ ھاكىمىيەت بېشىدا بولۇشى ۋېنگىرىيەنىڭمۇ بىخەتەرلىكىنىڭ كاپالىتى ھېسابلىنىدۇ. دەرۋەقە، تۈركىيەمۇ ۋېنگىرىيەگە ئوخشاشلا كۆچمەنلىك يوللىرى ئۈستىگە جايلاشقان بىر دۆلەت بولۇپ، تۈركىيەنىڭ رايوندا تىنچلىق ئورنىتالىغۇدەك كۈچلۈك ھاكىمىيەت قۇرۇلمىسىغا ئىگە بولۇشى ھەمدە قانۇنسىز كۆچمەنلىكنى رايوندىن يىراقلاشتۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇشى بىزگە نىسبەتەن ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە. تۈركىيەنىڭ ياۋروپا بىلەن ھاسىل قىلغان كۆچمەنلىك كېلىشىمىمۇ ناھايىتى مۇھىمدۇر. بىزنىڭ تۈركىيەگە قارىتا ھەمكارلىقىمىزنى ئوچۇق - ئاشكارا ھالدا نامايەن قىلىش مەجبۇرىيىتىمىز باردۇر. مىليونلارچە كۆچمەننى باغرىغا باسقانلىقى ئۈچۈن تۈركىيەگە رەھمەت ئېيتىىش بىزنىڭ ئەڭ ئەقەللىي ئىنسانىي بۇرچىمىزدۇر. تۈركىيەنىڭ ياۋروپا بىلەن تۈزگەن كېلىشىمى ياۋروپا قىتئەسىنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە. تۈركىيە دۇنيا بويىچە ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئەڭ كۈچلۈك قۇدرەتلىك دۆلەتلەردىن بىرىدۇر. شۇڭا ۋېنگىرىيە تۈركىيەنىڭ دۇنيا بويىچە ئىقتىسادىي ئەڭ كۈچلۈك 10 دۆلەت قاتارىدىن ئورۇن ئېلىش نىشانىغا ھەرگىزمۇ سەل قارىيالمايدۇ.»

ۋېنگىرىيەدىكى تەسىرى ئەڭ كۈچلۈك تېلېۋىزىيە قاناللىرىدىن بىرى بولغان «‹ Hir TV › تېلېۋىزىيە قانىلى» نىڭ ئىنتېرنېت تور بېتىدە، ۋېنگىرىيە باش مىنىستىرى ۋىكتور ئورباننىڭ جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ زىارىتى توغرۇلۇق قىلغان سۆزى نەقىل كەلتۈرۈلۈپ  ئېلان قىلىنغان «ھەم ۋېنگىرىيە ھەم تۈركىيە كۈچلۈك ھۆكۈمەتلەرگە ئىگە» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، ۋېنگىرىيەنىڭ تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزالىقىنى قوللايدىغانلىقى، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىدە، باش مىنىستىر ۋىكتور ئورباننىڭ ۋېنگىرىيەنىڭ بۇ ھەقتىكى پوزىتسىيەسىنى نامايەن قىلغانلىقى تەكىتلەندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر