پومپېيو شىمالىي كورېيە زىيارىتى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو كىم جوڭئۇن بىلەن ئۆتكۈزگەن شىمالىي كورېيەنىڭ قولىدىكى يادرو قوراللارنى يوقىتىش توغرىسىدىكى ئۇچرىشىشتا، ئەمەلىي ئىلگىرىلەشنىڭ قولغا كەلتۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

1065695
پومپېيو شىمالىي كورېيە زىيارىتى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو پىرېزىدېنت دونالد ترامپ بىلەن ئايرىم كۆرۈشكەندىن كېيىن، ئاقسارايدا شىمالىي كورېيە زىيارىتى ھەققىدە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

ئۇ: «ئەمەلىي ئىلگىرىلەش قولغا كەلگەن شىمالىي كورېيە زىيارىتىدىن قايتتىم. ئالدىمىزدا ھازىرمۇ ئۇزۇن يول ۋە قىلىشقا تېگىشلىك نۇرغۇن ئىش بولسىمۇ، شىمالىي كورېيەنىڭ قولىدىكى يادرو قوراللارنى يوقىتىش ھەققىدىكى ھەقىقىي نىشانغا يېتىپ بارىدىغان يولنى كۆرۈۋاتىمىز» دېدى.

ئۇ ب د ت 73-نۆۋەتلىك ئومۇمىي يىغىنى دائىرەسىدە، شىمالىي كورېيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رى يوڭخو بىلەن كۆرۈشكەن بولۇپ، شۇ ۋاقىتتا كىم جوڭئۇننىڭ پومپېيونى پىيوڭياڭغا تەكلىپ قىلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن ئىدى. پومپېيو 7-ئۆكتەبىر (يەكشەنبە) سىنگاپور ئۇچرىشىشىدا بېرىلگەن ۋەدىلەرنىڭ ئورۇندىلىشىغا مۇناسىۋەتلىك ئىلگىرىلەشلەرنىڭ ھاسىل قىلىنىشى، شىمالىي كورېيەنىڭ يادرو قوراللارنى يوقىتىش ۋەدىسى ۋە ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن كىم جوڭئۇن ئوتتۇرىسىدىكى ئىككىنچى قېتىملىق كۆرۈشۈشكە تەييارلىنىش ئۈچۈن، شىمالىي كورېيە رەھبەرلىرى بىلەن پىيوڭياڭدا كۆرۈشكەن ئىدى.

ئۇ ئامېرىكانىڭ ب د ت دىكى دائىمىي ۋەكىلى نىككى ھالېي ئىستېپا سوراپ، مۇشۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانلىقى توغرىسىدىكى سوئالغا جاۋاب بەردى. ئۇ: «ياخشى ئىشلار نى قىلغان دائىمىي ۋەكىل نىككى ھالېيغا تەشەككۈر ئېيتىمەن. ھالېي بىلەن بەش ئاي بىرلىكتە خىزمەت قىلدۇق، ئۇنىڭغا بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلىرىدە مۇۋەپپەقىيەت تىلەيمەن» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر