ئۇكرائىنادىكى بىر قورال ئىسكىلاتىدا پارتلاش يۈز بەردى

ئۇكرائىنانىڭ چېرنىگوۋ رايونىغا قاراشلىق ئىچنيا شەھىرىدىكى بىر ئوق – دورا ئىسكىلاتىدا پارتلاش يۈز بەردى.

1065083
ئۇكرائىنادىكى بىر قورال ئىسكىلاتىدا پارتلاش يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنا ئارمىيەسى باش قوماندانلىق ئىشتابى، پايتەخت كىيېۋگە 170 كىلومېتىر كېلىدىغان ئىچنيا شەھىرىدىكى پارتلاش توغرىسىدا ئىجتىمائىي تاراتقۇ تورىدىكى ئادرېسى ئارقىلىق بايانات بېرىپ، 6 – نومۇرلۇق ئوق – دورا ئىسكىلاتىدىكى تۇنجى پارتلاشنىڭ سەھەر سائەت 03:30 مىنۇت ئۆتكەندە مەيدانغا كەلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

پارتلاشنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى قەيت قىلىنغان باياناتتا، ئوق – دورا ئىسكىلاتىدىكى ئوتنى ئۆچۈرۈش ئۈچۈن ۋەقە يۈز بەرگەن جايغا كۆپ ساندا ئۆچۈرۈش ئاپتوموبىلى ۋە ئوت ئۆچۈرگۈچى خادىمنىڭ ئەۋەتىلگەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

ئىچنيا شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئاھالىلەر رايونىدىن 10 مىڭ ئەتراپىدا ئادەمنىڭ بىخەتەر جايلارغا تارقاقلاشتۇرۇلغانلىقى، دەسلەپكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، پارتلاشتا ئادەم ئۆلۈش ياكى يارىلىنىش ئەھۋالىنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكى كۆرۈلمىگەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

پارتلاشنىڭ سەۋەبى توغرىسىدا ھازىرغىچە ھېچقانداق چۈشەنچە بېرىلمىدى.

ئۇكرائىنا باش مىنىستىرى ۋىلادىمىر گرويسمان تۋىتتېر ئادرېسى ئارقىلىق بايانات بېرىپ، چېرنىگونىڭ جىددىي ھالەت رايونى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ھالدا، ئالاقىدار خادىملارنىڭ رايوندىكى خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى، ئۆزىنىڭمۇ ۋەقە يۈز بەرگەن جايغا بارىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

دۆلەتنىڭ ئەڭ چوڭ ئوق – دورا ئىسكىلاتلىرى جايلاشقان خاركوۋ ۋە ۋىننىتسادىمۇ ئۆتكەن يىلى پارتلاش يۈز بېرىپ ، مىڭلارچە توننا قورال نابۇت بولغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر