ئامېرىكا جەمال قاشىقجى توغرىسىدا بايانات بەردى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ژۇرنالىست جەمال قاشىقجىنىڭ ئاقىۋىتى توغرىسىدا «بۇ ھەقتە ئەندىشە قىلىۋاتىمەن» دېدى.

1065068
ئامېرىكا جەمال قاشىقجى توغرىسىدا بايانات بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دونالد ترامپ ئاقسارايدا 2 – ئۆكتەبىردە سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسۇلخانىسىغا كىرىپ كەتكىنىدىن بۇيان ئىزدىرىكى قىلىنالمىغان ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتى يازغۇچىسى جەمال قاشىقجى توغرىسىدا توختىلىپ، «بۇ ھەقتە ئەندىشە قىلىۋاتىمەن. بۇ ئىشنىڭ بالدۇرراق ئايدىڭلىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. نۆۋەتتە بۇ ھەقتە ھېچكىم بىر نەرسە بىلمەيدۇ» دېدى.

ئارقىدىن ئاقساراي تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا بولسا، ترامپنىڭ سۆزلىرىگە «بۇ جەھەتتە بەزى ناھايىتى ناچار خەۋەرلەر بار. بۇنى ماڭا خۇش ياقمايدۇ» دېگەن ئىبارىلەر ئىلاۋە قىلىندى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېئو بولسا، سەئۇدى ئەرەبىستان دائىرىلىرىنى ژۇرنالىست جەمال قاشىقجىنىڭ يوقاپ كېتىشىگە چېتىشلىق تەكشۈرۈشنى تولۇق قوللاشقا ۋە نەتىجىسى توغرىسىدا ئوچۇق – ئاشكارا بولۇشقا چاقىردى. ئۇ بۇ ھەقتىكى يازما باياناتىدا، قاشىقجىنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكى ۋە بىخەتەرلىكىگە ئالاقىدار ئۆزئارا زىت خەۋەرلەرنىڭ بارلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ قاشىقجىنىڭ يوقاپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلغان مايك پومپېئو، «ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئەمەلدارلىرى، بۇ ھەقتە دىپلوماتىك قاناللار ئارقىلىق سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن كۆرۈشمەكتە. سەئۇدى ئەرەبىستان دائىرىلىرىنى قاشىقجى ئەپەندىنىڭ يوقاپ كېتىشىگە مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈشنى تولۇق قوللاشقا ۋە بۇ تەكشۈرۈشنىڭ نەتىجىسى توغرىسىدا ئوچۇق – ئاشكارا بولۇشقا چاقىرىمىز» دېگەن ئىبارىلەرنى ئىشلەتتى.

سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ژۇرنالىست جەمال قاشىقجىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسۇلخانىسىدا ئۆلتۈرۈلگەنلىكى توغرىسىدىكى خەۋەرلەر ئامېرىكىدا نارازىلىق پەيدا قىلغانىدى.

قاشىقجى ماقالە يېزىۋاتقان ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتى باش تەھرىرى فرېد ھىئات، «جەمالنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى توغرىسىدىكى خەۋەرلەر راست بولسا، بۇ قورقۇنچلۇق شۇنداقلا ئەقىل يەتمەيدىغان بىر ئىشتۇر» دېگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر