ئەردوغان سەئۇدى ئەرەبستان كونسۇلخانىسىدا يوقۇلۇپ كەتكەن ژۇرنالىست ھەققىدە توختالدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋىنگىرىيە (ھونگىرىيە)دىكى قوشما ئاخبارات ئېلان تىلىش يىغىنىدا، سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ژۇرنالىست جەمال قاشىقچىنىڭ يوقۇلۇپ كېتىشىگە ئالاقىدار سوئاللارغا جاۋاب بەردى.

1065015
ئەردوغان سەئۇدى ئەرەبستان كونسۇلخانىسىدا يوقۇلۇپ كەتكەن ژۇرنالىست ھەققىدە توختالدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىستانبۇلدىكى سەئۇدى ئەرەبىستان كونسولخانىسىغا كىرىپ كەتكەنچە، ئالدىنقى ھەپتىدىن بۇيان ئىز دىرەكسىز يوقۇلۇپ كەتكەن سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ژۇرنالىست جەمال قاشىقچىنىڭ كونسولخانىدىن چىققان ياكى چىقمىغانلىقىنى سەئۇدى ئەرەبىستان كونسۇلخانىسىنىڭ ئىسپاتلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان رەسمىي زىيارەتتە بولۇۋاتقان ۋىنگىرىيە (ھونگىرىيە)دە باش مىنىستىر ۋىكتور ئوربان بىلەن دۆلەت مەجلىسىدە كۆرۈشكەندىن كېيىن، قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

ئەردوغان سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ژۇرنالىست جەمال قاشىقچىنىڭ يوقۇلۇپ كېتىشىگە ئالاقىدار سوئالغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى:

«بۇ ۋەقەنىڭ دۆلىتىمىزدە، بولۇپمۇ ئىستانبۇلدىكى سەئۇدى ئەرەبىستان كونسولخانىسدا يۈز بەرگەنلىكى بىزگە نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم. تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ۋە مەن جۇمھۇر رەئىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بۇ ئىشلارنى تەقىب قىلىش، ئىزىنى سۈرۈش بىزنىڭ ھەم سىياسىي، ھەم ئىنسانىي ۋەزپىمىزدۇر. بۇ كىشى بىر ژۇرنالىست، توي قىلماقچى بولغان خانىمى بىلەن بىرلىكتە سەئۇدى ئەرەبىستان كونسۇلخانىسىغا توي رەسمىيەتلىرى ئۈچۈن بارغاندا، خانىمىنىڭ ئىچىگە كىرىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ. ئۇ سىرىتتا ساقلاپ قالىدۇ ۋە ژۇرنالىست جەمال قاشىقچى ئىچىگە كىرىدۇ. ئەمدى بىر ئىنسان ئىچىگە كىرگەن بولسا، ئۇنىڭ سىرتقا چىققان ياكى چىقمىغانلىقىنى كىم ئىسپاتلىشى لازىم؟ ئەلۋەتتە ئەشۇ يەردىكى كونسولخانا ئىسپاتلىشى لازىم. سىلەرنىڭ شۇ يەردە ئىشلەيدىغان خادىملىرىڭلار، بىخەتەرلىك كامىرالىرىڭلار... ۋەھەكازالىرىڭلار يوقمۇ؟ ھەممىسى بار. ئۇنداقتا نېمە ئۈچۈن كونسۇلخانىدىن چىقىپ كەتكەنلىكىنى ئىسپاتلىمايسىلەر؟ ئىسپاتلىشىڭلار لازىم»

ئەردوغان جەمال قاشىقچىنىڭ ئادەتتىكى بىرسى ئەمەسلىكىنى، ۋاشىنگىتون پوشتا گېزىتىسىنىڭ يازغۇچىسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ يەنە مۇنداق دېدى:

«ئەگەر بۇ كىشى كونسولخانىدىن سىرتقا چىققان بولسا، توي قىلىدىغان خانىمى بىلەن ئۇچرىشىپ بارىدىغان يەرگە بىرلىكتە بارمامدۇ؟ بارىدۇ. شۇنداق ئىكەن مۇشۇ ئاينىڭ 2كۈنىدىن بۇيان ئۇنىڭ ھەققىدە ھېچ قانداق مەلۇمات ۋە دەلىل - پاكىت ياكى ھېچ بىر بايقاش يوق. بىزگە ئىلتىماس سۇنۇلغاندىن ئېتىبارەن بىزنىڭ ئامانلىقنى ساقلاش ئورگانلىرىمىز ۋە ئىستىخبارات تەشكلاتىمىز، ھەممىسى بۇ ھەقتە جىددىي خىزمەتلەرنى ئىشلىمەكتە. ئەمدىلىكتە قارىساق يازما ۋە ۋىدېئولۇق مېدىيالاردا ھەر خىل خەۋەرلەر چىقماقتا. بۇ جەريانلار تەبىئىي ھالدا بىزنىمۇ ئويغا سالىدىغان مەسىلە»

ئەردوغان جەمال قاشىقچىنىڭ يوقۇلۇپ كېتىشى مەسىلىسىدە بالدۇرراق نەتىجە ئېلىنىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ، «كونسولخانا مەسئۇللىرى <بۇ يەردىن چىقىپ كەتكەن> دېيىش بىلەنلا ئۆزلىرىنى قۇتقۇزۇپ قالالمايدۇ. ئالاقىدار ئورگانلار ۋە ئۇلار بۇ مەسىلىدە <دەۋا قىلغۇچى دەۋاسىنى ئىسپاتلىشى كېرەك>. ئەگەر چىققان بولسا، بۇنى سىلەر ۋېدىئولۇق كۆرۈنۈشلىرى بىلەن ئىسپاتلىشىڭلار لازىم. ئۇنداق قىلماقتا يوق، ئۆزىچە <تۈركىيە ئورگانلىرى قەيەردە؟> دەپ سوئال سورايدىغانلار، ئالدى بىلەن <بۇ ئىش قانداق بولدى؟> دەپ سوراپ بېقىشى لازىم. ئەمدى تۈركىيە ئورگانلىرىغا كەلسەك، تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى، ئايرودورۇمدىكى كىرىش چىقىشلار... دېگەنلەرنىڭ ھەممىسى تەكشۈرۈلمەكتە. بۇ كىرىش - چىقىشلاردىمۇ ۋەقە يۈز بەرگەن كۈنى سەئۇدى ئەرەبىستاندىن كەلگەن بەزى كىشىلەر بار. بۇلار ھەققىدىمۇ ئالاقىدار پۈتۈن ئورگانلىرىمىز بىلەن بىرگە خىزمەت قىلىسىلەر ۋە شۇنىڭغا كۆرە، تەپتىش مەھكىمىمىزنىڭ تەييارلايدىغان دوكلاتلىرىغا قارايمىز» دېدى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر