تۈركىيە ئىستانبۇلدىكى سەئۇدى ئەرەبىستان كونسۇلخانىسىنى تەكشۈرىدۇ

تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسۇلخانىسىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

1065259
تۈركىيە ئىستانبۇلدىكى سەئۇدى ئەرەبىستان كونسۇلخانىسىنى تەكشۈرىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، ئۆتكەن ھەپتە (سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسۇلخانىسىغا كىرگەندىن كېيىن) يوقاپ كەتكەن سەئۇدى ئەرەبىستان پۇقراسى ژۇرنالىست جەمال قاشىقجى ۋەقەسىنى تەكشۈرۈش دائىرىسىدە، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسۇلخانىسىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ھامى ئاقسوي، جەمال قاشىقجى مەسىلىسىگە مۇناسىۋەتلىك بىر سوئالغا يازما ھالەتتە جاۋاب قايتۇردى.  قاشىقجىنىڭ ئاقىۋىتىگە ئالاقىدار ئۆزگىرىشلەرنىڭ ۋەقە يۈز بەرگەن كۈن (2 – ئۆكتەبىر) دىن بۇيان ئەدلىيە، جامائەت خەۋپسىزلىك ۋە دۆلەت بىخەتەرلىك خادىملىرى تەرىپىدىن يېقىندىن تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئاقسوي، «ئىسمى بايان قىلىنغان كىشىنىڭ ئاقىۋىتىنى ئېنىقلاش مەقسىتىدە ئالاقىدار تارماقلىرىمىز تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تەكشۈرۈش جىددىي شەكىلدە داۋاملاشتۇرۇلماقتا» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى ۋە «كونسۇلخانا مۇناسىۋەتلىرىگە ئالاقىدار ۋىيېننا ئەھدىنامىسىنىڭ روھىغا ئاساسەن، كونسۇلخانا بىنالىرىنىڭ چېقىلالماسلىق ھوقۇقى بولۇش بىلەن بىرگە، دىپلوماتىك ئورۇن مەسئۇلىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن ساھىبخان دۆلەت خادىملىرى كونسۇلخانا بىناسىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارالايدۇ. سەئۇدى ئەرەبىستان دائىرىلىرى ھەمكارلىق ئورنىتىشقا تەييار ئىكەنلىكلىرىنى، كونسۇلخانا بىناسىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلسا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شۇڭا، تەكشۈرۈش دائىرىسىدە كونسۇلخانا بىناسىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلىدۇ» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر