نيۇ يوركتا ئېغىر قاتناش ۋەقەسى يۈز بەردى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ نيۇ يورك شەھىرىدە ئېغىر قاتناش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 20 ئادەم قازا قىلدى.

1064306
نيۇ يوركتا ئېغىر قاتناش ۋەقەسى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نيۇ يورك ئىشتاتلىق ساقچى ئىدارىسى، سكوھارىې ناھىيەسىدە بىر مىنىبۇس بىلەن بىر ئالىي دەرىجىلىك توي يۆتكەش پىكاپى (لىمۇزىن) سوقۇلۇپ كېتىپ 20 ئادەمنىڭ قازا قىلغانلىقىنى، ئۆلگەنلەرنىڭ 18 ىنىڭ توي ئاپتوموبىلىدىكىلەر ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

نەق مەيداندىكى ئەھۋاللارنى كۆرگۈچىلەردىن بىرى، توي يۆتكەش پىكاپىنىڭ تۆپىلىكتىن تۆۋەنگە قاراپ چۈشىدىغان يولدا سائەتلىك سۈرئىتى 100 كىلومېتىردىنمۇ تېز ھالەتتە ماڭغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى، ۋەقەنى كۆرگەن باشقا كىشىلەر بولسا، قازانىڭ بەكلا قورقۇنچلۇق بولغانلىقىنى، بۇ ھەقتە ئارتۇق بىر نەرسە دېيىشنى خالىمايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈشتى.

ساقچىلار، تەكشۈرۈشنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى، قازانىڭ قانداق يۈز بەرگەنلىكىنىڭ تېخى ئېنىقلىنىپ بولمىغانلىقىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر