كونگودا ئېبولا ۋىرۇسى سەۋەبىدىن نۇرغۇن ئادەم قازا قىلدى

كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىدە ئېبولا يۇقۇملۇق ۋىرۇسى سەۋەبىدىن نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى.

1064185
كونگودا ئېبولا ۋىرۇسى سەۋەبىدىن نۇرغۇن ئادەم قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىدە ئېبولا يۇقۇملۇق ۋىرۇسى سەۋەبىدىن ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 78گە يەتتى.

كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى سەھىيە ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ يىل ئىيۇلنىڭ ئاخىرىدا شىمالىي كىۋۇ ۋىلايىتىدا باش كۆتۈرگەن يۇقۇملۇق كېسەللىك سەۋەبىدىن 142كىشى ئېبولا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان.

142 كىشى ئىچىدە 6 كىشى جېنىدىن ئايرىلغان بولسا، 50 كىشى ساقايغان.

بۇنىڭدىن سىرت رايوندا 8-ئاۋغۇستتا باشلىغان سەپەرۋەرلىك پائالىيىتىدە 15مىڭغا يېقىن كىشىگە ۋاكسىنا ئۇرۇلغان.

كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىدە تۇنجى قېتىم 1976-يىلى يۈز بەرگەن ئېبولا ۋىرۇسى 2013-يىلى دېكابىردا غەربىي ئافرىقىغا تارقالدى.

لىبېرىيە، سېررالېئون قاتارلىق دۆلەتلەردە 2014-2017-يىللىرىدا مەيدانغا كەلگەن يۇقۇملۇق كېسەللىكتە تەخمىنەن 30مىڭ كىشى ئېبولا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىپ 11مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ئۆلگەنىدى.


خەتكۈچ: #كونگو , #ئېبولا

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر