ھاراق ئېچىپ ئاپتوموبىل ھەيدىگەن ئامېرىكا قوماندانى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاندى

ئاۋسترالىيەنىڭ دارۋىن شەھىرىدە تۇرۇشلۇق ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيە قوماندانى پالكوۋنىك جامېس سىچنېل ھاراق ئېچىپ ئاپتوموبىل ھەيدىگەنلىكى ئۈچۈن ۋەزىپسىدىن ئېلىپ تاشلاندى.

1064617
ھاراق ئېچىپ ئاپتوموبىل ھەيدىگەن ئامېرىكا قوماندانى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاۋسترالىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋىرىدە، 48 ياشلىق پالكوۋنىك جامېس سىچنېلنىڭ دارۋىن شەھىرىدە تەخمىنەن 1500 نەپەر ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى ئەسكەرلىرى تۇرۇشلۇق ئامېرىكا بازىسىنىڭ قوماندانى ئىكەنلىكى ۋە 30 - سىنتەبىردە شەھەردىكى كەچلىك كۇلۇبتىن چىققاندىن كېيىن، قاتناش ساقچىلىرىنىڭ تەكشۈرۈشلىرى ئەسناسىدا ھاراق ئېچىپ ئاپتومبىل ھەيدىگەنلىكى بايقالغانلىقى بىلدۈرۈلدى. 

بۈگۈن دارۋىن يەرلىك سوت مەھكىمىسىدە سوت قىلىنىپ، شوپۇرلۇق كېنىشكىسى 6 ئايلىق مۇسادىرە قىلىندى ۋە جامېس سىچنېلگە 650 ئاۋستىرالىيە دوللىرى جەرىمانە قويدى.

ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا بولسا، بالكوۋنىك جامېس سىچنېلنىڭ ئېتىبارى ۋە ئىشەنچلىكلىكىنى يوقۇتۇپ قويغانلىقى سەۋەبىدىن ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغانلىقى شۇنداقلا ۋەقە ھەققىدە ئىچكى تەكشۈرۈش باشلانغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

پالكوۋنىك جامېس سىچنېل 2011يىلىدا ئەينى چاغدىكى ئامېرىكا پىرېزىدېنتى باراك ئوبامانىڭ تەستىقى بىلەن ئاۋسترالىيەنىڭ شىمالىي رايوننىڭ پايتەختى دارۋىندىكى ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيە بازىسىنىڭ قوماندانلىقىغا تەيىنلەنگەن ئىدى.

ئىستىراتېگىيە جەھەتتىن ھىندونېزىيەگە ئېچىلغان ئىشىك ھېسابلىنىدىغان بۇ بازىدا، تەخمىنەن 1500 ئەسكەر ۋەزىپە ئۆتىمەكتە. 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر