ھىندونېزىيەدىكى تەبىئىي ئاپەتلەردە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 1944كە يەتتى

ھىندونېزىيەدە مەيدانغا كەلگەن يەر تەۋرەش ۋە دېڭىز تاشقىنى ھادىسىلىرىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 1944كە يەتتى.

1064152
ھىندونېزىيەدىكى تەبىئىي ئاپەتلەردە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 1944كە يەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھىندونېزىيەنىڭ سۇلاۋەسى ئارىلىدا مەيدانغا كەلگەن يەر تەۋرەش ۋە دېڭىز تاشقىنى ھادىسىلىرىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 1944كە يەتتى.

ھىندونېزىيەنىڭ سۇلاۋەسى ھەربىي قوماندانلىقى ئۇچۇر-ئالاقە ئىشلىرى باشلىقى مۇھ توخىر، 28-سېنتەبىردە مەيدانغا كەلگەن يەر تەۋرەش ۋە دېڭىز تاشقىنى ھادىسىلىرىدە ھازىرغىچە 1944 ئادەمنىڭ قازا قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

توخىر ئىزدەش-قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ھىندونېزىيە مەملىكەتلىك تەبىئىي ئاپەتلەرگە تاقابىل تۇرۇش ئاگېنتلىقى باياناتچىسى سۇتوپو پۇرۋو نۇرگوھومۇ 2600دىن ئارتۇق كىشىنىڭ داۋالىنىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

67000 ئۆي ۋە 3000گە يېقىن مەكتەپنىڭ زىيانغا ئۇچرىغانلىقىنى ئېيتقان سۇتوپو، تەخمىنەن 63000 ئادەمنىڭ چېدىرلاردا ياشاۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

دېڭىز تاشقىنى ۋە يەر تەۋرەش ھادىسىلىرى تۈپەيلى ھازىرغىچە 658مىليون دوللار زىيان بولغان.

پاۋلۇ ۋە دوگالا رايونلىرىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئىزدەش-قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىگە 7000دىن ئارتۇق ساقچى ۋە ئەسكەر قاتناشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر