تالىبان سەئىدئابادقا ھۇجۇم قىلدى
ئافغانىستان تالىبانلىرى مەيدان ۋەرداك ۋىلايىتىنىڭ سەئىدئاباد ناھىيەسىگە ھۇجۇم قىلىپ، ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ مۇدىرى ۋە 6 نەپەر مۇھاپىزەتچىسىنى ئۆلتۈردى.
1063928
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەيدان ۋەرداك ۋالىيلىق مەھكىمىسى باياناتچىسى ئابدۇرراھمان مەنگەل، تالىبان ئەزالىرىنىڭ ناھىيە مەركىزىگە تۆت تەرەپتىن ھۇجۇم قىلىپ، ناھىيەلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ مۇدىرى ۋە ئۇنىڭ 6 نەپەر مۇھاپىزەتچىسىنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى، 4 ساقچىنى يارىلاندۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.
تالىباننىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، ھۇجۇم ئارقىلىق ناھىيە مەركىزىنىڭ قولغا كىرگۈزۈلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.