پومپېئو توكيودا ئابې بىلەن كۆرۈشتى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېئو، ياپونىيە زىيارىتى دائىرىسىدە باش ۋەزىر شىنزو ئابې ۋە ئالاقىدار ئەمەلدارلار بىلەن كۆرۈشتى.

1063810
پومپېئو توكيودا ئابې بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياپونىيەنىڭ كيودو خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ياپونىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرلىكى بايانات ئېلان قىلىپ، پومپېئو بىلەن شىنزو ئابېنىڭ شىمالىي كورېيە يادرو قورالى ئىشلەپچىقىرىشتىن ۋاز كەچكۈچە ب د ت ئېمبارگولىرىنى يۈرگۈزۈشنى داۋاملاشتۇرۇش توغرىسىدا ھەمپىكىر ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

مايك پومپېئو ئارقىدىن ياپونىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى تارو كونو بىلەن كۆرۈشتى؛ ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېئو، بۈگۈن شىمالىي كورېيەدە زىيارەتتە بولۇپ كىم جوڭئۇن بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ، ئۇچرىشىش جەريانىدا پىيوڭياڭ تەرىپىدىن 1970 ۋە 1980 – يىللاردا گۆرۈگە ئېلىپ قېچىلغان ياپونىيە پۇقرالىرى ۋە يادرو قورالى مەسىلىلىرى توغرىسىدا سۆزلىشىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ھېئىتېر نائۇئېرت ئۆتكەن ھەپتىدىكى بىر قېتىملىق مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، پومپېئونىڭ 6 – ئۆكتەبىردىن 8 – ئۆكتەبىرگىچە بولغان جەرياندا ياپونىيە، خىتاي، شىمالىي كورېيە ۋە جەنۇبىي كورېيەدە زىيارەتتە بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان ۋە ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن شىمالىي كورېيە لىدىرى كىم جوڭئۇننىڭ ئىككىنچى قېتىملىق ئۇچرىشىشىنىڭ يېقىندا ئىشقا ئاشۇرۇلىدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلغانىدى.

دونالد ترامپ بىلەن كىم جوڭئۇن 12 – ئىيۇندا سىنگاپوردا كۆرۈشۈپ، شىمالىي كورېيەنىڭ يادرو قوراللىرىدىن خالىيلاشتۇرۇلۇشى مەسىلىسىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلغانىدى. بىراق، ئۇچرىشىشتىن كېيىن ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى دىپلوماتىك ئاتمۇسفېرا بۇزۇلۇشقا باشلىغان، ئامېرىكا تەرەپ شىمالىي كورېيەنى يادرو پىلانىدىن ۋاز كەچمەسلىك بىلەن ئەيىبلىگەنىدى.

جەنۇبىي كورېيە بىلەن شىمالىي كورېيە ئارىسىدا 1953 – يىلى ئىمزالانغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ روھىغا ئاساسەن ئۇرۇش توختىغان بولسىمۇ، بىر تىنچلىق كېلىشىمى ئىمزالانمىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇرۇش ئەمەلىي مەنىدە ھېلىھەم داۋاملىشىۋاتىدۇ، دەپ قارىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر