خىتايدا پىچاقلىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى
خىتاينىڭ جېجياڭ ئۆلكىسىگە قاراشلىق نىڭبو شەھىرىدە پىچاقلىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 2 ئادەم ئۆلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نىڭبودىكى ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى خىتاينىڭ ئىجتىمائىي تورى ۋېيبو ئارقىلىق بايانات بېرىپ، ۋاڭ فامىلىك بىرىنىڭ بېيلۇن رايونىدىكى بىر كوچىدا جېدەللەشكەن كىشىلەرگە ھۇجۇم قىلغانلىقىنى، ئارقىدىن ئاپتوموبىلىنى ئادەملەر توپى ئارىسىغا ھەيدەپ كىرگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.
پىچاقلىق ھۇجۇم ۋە ئامما ئارىسىغا ئاپتوموبىل ھەيدەپ كىرىش ۋەقەلىرىدە 2 ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكى، ۋەقەدە يارىلانغان 16 ئادەمنىڭ بالىنىستقا ئېلىنغانلىقى قەيت قىلىندى.
ھۇجۇمچىنىڭ قولغا چۈشۈرۈلگەنلىكى، ۋەقەنىڭ تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئامېرىكا ئۇكرائىناغا 2 مىليارد دوللار ياردەم بېرىدۇ
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئۇكرائىناغا 2 مىليارد دوللار ياردەم بېرىدۇ.
ئافغانىستاندا ھەربىي تىك ئۇچار چۈشۈپ كەتتى
ئافغانىستاننىڭ غور ۋىلايىتىدە بىر ھەربىي تىك ئۇچار ئايروپىلان دەريا قىرغىقىغا چۈشۈپ كەتتى.