ھايتىدا يەر تەۋرىدى

ھايتىدا 5.9 بال يەر تەۋرەپ كەم دېگەندە 10 ئادەم قازا قىلدى.

1063842
ھايتىدا يەر تەۋرىدى
deprem.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئالاقىدار خادىملار ھايتىنىڭ شىمالىدا مەيدانغا كەلگەن يەر تەۋرەشتە كەم دېگەندە 10 ئادەمنىڭ قازا قىلغانلىقىنى،  كۆپ ساندا ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پورت دې پائىكس، گروس مورنې، چانسولمې ۋە تۇرتېل ئارىلىدىكى نۇرغۇن بىنانىڭ زىيانغا ئۇچرىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى گېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش ئورگىنى، مەركىزىي نۇقتىسى پورت دې پائىكس شەھىرىنىڭ 19 كىلومېتىر غەربىي شىمالىغا توغرا كېلىدىغان 5.9 باللىق يەر تەۋرەشنىڭ تەۋرەش چوڭقۇرلۇقىنىڭ 11.7 كىلومېتىر ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر