سەئۇدى ئەرەبىستان شاھزادىسى ترامپقا جاۋاب قايتۇردى

سەئۇدى ئەرەبىستان تەخت ۋارىسى شاھزادە مۇھەممەد بىن سەلمان دۆلىتىنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىن 30 يىل بۇرۇنمۇ بارلىقىنى، شۇڭا دۆلىتىنى قوغداش ئۈچۈن بەدەل تۆلىمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1063515
سەئۇدى ئەرەبىستان شاھزادىسى ترامپقا جاۋاب قايتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەلمان «‹ Bloomberg › تېلېۋىزىيە قانىلى» نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بەرگەن باياناتىدا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان ھەققىدە قىلغان سۆزلىرى توغرۇلۇق توختىلىپ مۇنداق دېدى: «سەئۇدى ئەرەبىستان 1744 – يىلدىن بۇيان دۇنيا سەھنىسىدىكى مەۋجۇدىيىتىنى داۋاملاشتۇرماقتا. باشقىچە ئېيتقاندا، سەئۇدى ئەرەبىستان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىن 30 يىل بۇرۇنمۇ بار ئىدى. بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، پىرېزىدېنت ترامپنىڭ سۆزلىرى تولىمۇ مەنىسىزدۇر. سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن بەدەل تۆلەش مەجبۇرىيىتى يوقتۇر، چۈنكى، بىز ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىن سېتىۋالغان قورال – ياراغلارنىڭ پۇلىنى پۈتۈنلەي تۆلەپ بولدۇق، بۇ قورال - ياراغلار بىزگە بىكارغا بېرىلگىنىمۇ يوق. دۆلىتىمىز بۇ مەسىلىگە، <ھەرقانداق بىر دوست، ياخشى گەپلەرنى قىلىشىمۇ، يامان گەپلەرنى قىلىشىمۇ مۇمكىن> تەرىقسىىدە قارايدۇ. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن ھەمكارلىشىشنى ياخشى كۆرىمەن، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر % 99 ياخشى، % 1 ناچار، مانا مۇشۇ % 1 ناچار مەسىلە دۇنيانىڭ كۈنتەرتىپىگە كەلدى.»

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئۆتكەن ھەپتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ھەربىي ياردىمى بولمىسا، ئىككى ھەپتە ئىچىدە ھاكىمىيەتتىن ئايرىلىپ قالىدىغانلىقىنى، شۇڭا بۇنىڭ ئۈچۈن بەدەل تۆلىشى لازىملىقىنى ئېيتىپ، سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى سەلمان بىن ئابدۇلئەزىزنى ئاگاھلاندۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر