ئامېرىكا 7 رۇسىيە پۇقراسىنى سىبەر ھۇجۇم ئېلىپ بېرىش بىلەن ئەيىبلىدى

ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقى 7 نەپەر رۇسىيە پۇقراسىنى سىبەر ھۇجۇم قوزغاش بىلەن ئەيىبلەپ چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىشنى قارار قىلدى.

1062889
ئامېرىكا 7 رۇسىيە پۇقراسىنى سىبەر ھۇجۇم ئېلىپ بېرىش بىلەن  ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوى خەۋىرى: ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقى 7 نەپەر رۇس جاسۇسىنى ئامېرىكا ۋە ئىتتىپاقداشلىرىغا سىبەر ھۇجۇمى قوزغاش بىلەن ئەيىبلىدى.

گوللاندىيەنىڭ خىمىيەۋى قوراللارنى چەكلەش تەشكىلاتىدا خىزمەت قىلىدىغان 4 رۇسىيە پۇقراسىنى جاسۇسلۇق قىلىش بىلەن ئەيىبلەپ چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىشىدىن كېيىن، ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقىمۇ 7 رۇسىيە پۇقراسىنى جاسۇسلۇق قىلىش بىلەن ئەيىبلىدى.

ئەدلىيە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، پېنسىلۋانىيە ئىشتاتىدىكى فېدراتىپ سوت مەھكىمىسىنىڭ 7 نەپەر رۇسىيە پۇقراسىنى جاسۇسلۇق قىلىش بىلەن ئەيىبلىگەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

باياناتتا سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئەيىبلگەن 7 نەپەر رۇسىيە پۇقراسىنىڭ كومپىيۇتېر ئەتكەسچىلىكى، ئېلېكترونلۇق مۇنبەردە ئالدامچىلىق قىلىش، كىملىك ئوغرىلاش ۋە قارا پۇل يۇيۇش قاتارلىق قىلمىشلارنى سادىر قىلغانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ رۇسىيە ھەربىي ئىسختىبارات ئىدارىسىنىڭ خادىمى ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا يەنە بۇ جاسۇسلارنىڭ «رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرىگە ھىيلە ئىشلەتكەنلىكى توغرىسىدا پەيدا بولغان قاراشلارنى باشقا جايغا بۇراش مەقسىتىدە »سىبەر ھۇجۇملىرى ئېلىپ بارغانلىقلىرى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا «رۇس جاسۇسلارنىڭ غەرىزى رۇسىيەنىڭ تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرىگە ھىيلە ئىشكەتكەنلىكىنى پاش قىلغان خەلقئارا تەشكىلاتلار ۋە ئالاقىدار مەسئۇللارنىڭ خىزمەتلىرىنى ئەرزىمەس ھالەتكە كەلتۈرۈش، ئوغرىلىغان ئۇچۇر-مەلۇماتلارنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق تەتۈر تەشۋىقات ئېلىپ بېرىش ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ تەنتەربىيە ماھىرلىرىنىڭ چەكلەنگەن ياكى قوزغاتقۇچ دورىلارنى ئىشلەتكەنلىكلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ئۇلارنىڭ ئوبرازىنى خۇنۈكلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت»قاتارلىق جۈمىلىلەرگە ئورۇن ئاجرىتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر