رۇسىيەنىڭ ئۇرۇش ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى
رۇسىيەنىڭ پايتەختى موسكۋاغا يېقىن جايدا، «MiG-29» تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى.
1063284
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىككى ئۇچقۇچى ئايروپىلاننىڭ ئۇچقۇچىنى ھاۋاغا ئېتىش سىستېمىسى سايىسىدا قۇتۇلۇپ قالدى.
سوۋىت ئىتتىپاقى دەۋرىدە ئىشلەپچىقىرىلغان «MiG-29» تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى يۇقىرى دەرىجىلىك ھەرىكەت قابىلىيىتى بىلەن تونىلىدۇ.
رۇسىيە ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ئاساسلىق ئاۋچىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ كېلىۋاتقان «MiG-29» تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى 6 دانە يادرو بومبا ئېلىپ ئۇچۇش ئىقتىدارىغىمۇ ئىگە.
ئايروپىلاننىڭ ئۇچقۇچىنى ھاۋاغا ئېتىش سىستېمىسى يەر يۈزىگە 200 مېتىر قالغان چاغدىمۇ ئىشلەيدۇ.
رۇسىيەنىڭ «TASS» ئاگېنتلىقى، رەسمىي مەسئۇللارنى مەنبە كۆرسەتكەن خەۋىرىدە، «MiG-29» تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانىنىڭ نېمە سەۋەبتىن چۈشۈپ كەتكەنلىكى ھەققىدە تېخىچە بىرەر مەلۇمات يوقلۇقىنى بىلدۈردى.