رۇسىيە-ھىندىستان ئارىسىدا ئۇزۇنغا سوزۇلغان «S-400» كېلىشىمى ئاخىرى ئىمزالاندى

رۇسىيە بىلەن ھىندىستاننىڭ ئۇزۇن ۋاقىتتىن بېرى مۇزاكىرە قىلۋاتقان «S-400» ھاۋا مۇداپىئە قالقان سىستېمىسى كېلىشىمىنى ئىمزالىغانلىقى ئېلان قىلىندى.

1063122
رۇسىيە-ھىندىستان ئارىسىدا ئۇزۇنغا سوزۇلغان «S-400» كېلىشىمى ئاخىرى ئىمزالاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە-ھىندىستان ئارىسىدا ئۇزۇنغا سوزۇلغان «S-400» ھاۋا مۇداپىئە قالقان سىستېمىسىنى سېتىپ بېرىش كېلىشىمى ئاخىرى ئىمزالاندى. رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىننىڭ ھىندىستان زىيارىتىگە توغرا كەلتۈرۈلگەن مەزكۇر كېلىشىم قىممىتىنىڭ 5.4 مىليارد دوللار ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلدى. كېلىشىم بويىچە، رۇسىيە ھىندىستانغا بەش دانە «S-400» سېتىپ بېرىدۇ.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ھىندىستان رۇسىيەدىن «S-400» سېتىۋالغان تەقدىردە ئېمبارگو يۈرگۈزۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، تەھدىت سالغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر