تالىباننىڭ ھۇجۇمى نۇرغۇن ساقچىنىڭ جېنىغا زامېن بولدى
ئافغانىستاننىڭ شىمالىدىكى سەمەنگان ۋىلايىتىدە تالىباننىڭ بىر ساقچىخانىغا قىلغان ھۇجۇمى 8 ساقچىنىڭ جېنىغا زامېن بولدى.
1062490
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەمەنگان ۋالىي مەھكىمىسىنىڭ باياناتچىسى سىددىق ئەزىزىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تالىبان تېررورچىلىرىنىڭ دەرەئى سۇفقا قاراشلىق بالگالى يېزىسىدىكى بىر ساقچىخانىغا ھۇجۇم قىلىشى نەتىجىسىدە 8 ساقچى ھاياتىدىن ئايرىلغان بولۇپ، بۇ، تالىبان ئەزالىرىنىڭ يېقىنقى بىر ئاي ئچىىدە ئېلىپ بارغان ئۈچىنچى قېتىملىق ھۇجۇمى ھېسابلىنىدىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى تالىبان ئۆز ئۈستىگە ئالغان.