رۇسىيە ناتوغا نارازىلىق بىلدۈردى

رۇسىيە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى-ناتونىڭ ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈش پىلانىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

1061130
رۇسىيە ناتوغا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى-ناتونىڭ بۇ ئاينىڭ ئاخىرىدا ئۆتكۈزۈشنى پىلانلىغان « Trident Juncture 2108»ناملىق ھەربىي مانېۋىرغا نارازىلىق بىلدۈردى.

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى مارىيا زاھاروۋا: رۇسىيە بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن تېگىشلىك تەدبىرلەرنى ئالىدۇ، دېدى.

زاھاروۋا ناتو ئۆتكۈزمەكچى بولغان ھەربىي مانېۋىر توغرىسىدا يازما بايانات ئېلان قىلدى.

نورۋېگىيەنىڭ ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى ئەسكەرلىرىنى زېمىنىغا ئورۇنلاشتۇرۇشىنى «دوستلار قىلىدىغان ئىش ئەمەس»دەپ تەرىپلىگەن زاھاروۋا، رۇسىيە چېگرالىرىدا 30دىن ئارتۇق دۆلەتتىن 40مىڭدىن ئارتۇق ئەسكەر قاتنىشىدىغان ھەربىي مانېۋىرنىڭ،  ناتونىڭ نورۋېگىيە تارىخىدىكى ئەڭ كەڭ كۆلەملىك ھەربىي مانېۋىر بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

زاھاروۋا ناتودىكى كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ رۇسىيە چېگراسىدىكى ھەربىي نوپۇزىنى كۈچەيتىۋاتقانلىقلىرىنى ئەسكەرتىپ: ناتونىڭ بۇ پائالىيەتلىرىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ، رۇسىيە بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن تېگىشلىك تەدبىرلەرنى ئالىدۇ، دېدى.

ناتونىڭ « Trident Juncture 2018»ناملىق ھەربىي مانېۋىرى نورۋېگىيەدە بۇ يىل 25-سېنتەبىردە باشلايدۇ.

ناتو باش كاتىپى جېنس ستولتېنبېرگ بۇ قېتىمقى ھەربىي مانېۋىرنىڭ يېقىنقى مەزگىللەردە ئۆتكۈزۈلگەن ئەڭ كەڭ كۆلەملىك ھەربىي مانېۋىرلاردىن بىرى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ قېتىمقى  ھەربىي مانېۋىرنىڭ «مۇداپىئە مەقسەتلىك» بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان ستولتېنبېرگ، ھەربىي مانېۋىرغا 31 دۆلەتتىن تەخمىنەن 45 مىڭ ئەسكەر، 150 ئايروپىلان، 60پاراخوت بىلەن 10مىڭدىن ئارتۇق ھەربىي ماشىنا قاتناشتۇرۇلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر