جىنسىي شەرمەندىچىلىك تۈپەيلىدىن ئامېرىكا خەلقىنىڭ پاپا فىرانجىجۇسقا بولغان ئىشەنچى تۆۋەنلىدى

ئامېرىكىدا جىنسىي سۇيىئىستېمال شەرمەندىچىلىكلىرى تۈپەيلىدىن يىلتىزى تەۋرەپ كېتىپ بارغان كاتولىكلارنىڭ رۇھانىي رەھبىرى پاپا فىرانجىجوسقا بولغان ئىشەنچ تۆۋەنلەپ كەتتى.

1061687
جىنسىي شەرمەندىچىلىك تۈپەيلىدىن ئامېرىكا خەلقىنىڭ پاپا فىرانجىجۇسقا بولغان ئىشەنچى تۆۋەنلىدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «Pew» تەتقىقات مەركىزى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان راي سىناش نەتىجىلىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكىدىكى ھەر 10 كاتولىكتىن 6 سى پاپا فىرانجىسجۇسنىڭ جىنسىي سۇيىئېستىمالغا قارشى يېتەرلىك تىرىشچانلىق كۆرسەتمىگەنلىكىنى تەكىتلەشمەكتە. ھەر 10 كىشىدىن ئاران 3 كىشى بولسا، پاپانىڭ جىنسىي سۈيىئېتىمالغا قارشى تىرىشچانلىقىغا ياخشى باھا بېرىدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىشماقتا.

راي سىناش نەتىجىلىرىگە ئاساسلانغاندا، پاپا فىرانجىسجۇسقا ئاياللارغا قارىغاندا ئەرلەر ئارىسىدىكى ئىشەنمەسلىك نىسبىتى تېخىمۇ يۇقىرى ئۆرلىگەن.

كاتولىكلارنىڭ خەلقئارادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەردە يۈز مىڭلىغان راھىپلىرى بار. بۇ دۆلەتلەردە نۇرغۇن قېتىم راھىپلارنىڭ كىچىك بالىلارغا باسقۇنچىلىق قىلىشتەك ۋەقەلەرنى تۇغدۇرغانلىقى كۈنتەرتىپكە كەلمەكتە.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كاتولىك چىركاۋلاردىكى كىچىك بالىلارغا باسقۇنچىلىق قىلىش ۋەقەلىرى ھەققىدە 2014– يىلى بىر دوكلات ئېلان قىلغان ئىدى.

دوكلاتتا، ۋاتىكاننىڭ ئۆزىگە تەۋە چىركاۋلار بار بولغان نۇرغۇن دۆلەتلەردە راھىپلار ھەققىدىكى باسقۇنچىلىق جىنايەتلىرىنى يوشۇرۇپ، 10 مىڭلىغان كىچىك بالىنىڭ جىنسىي سۇيىئىستېمال قىلىنىشىغا كۆز يۇمغانلىقى ئەيىبلەنگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر