ھىندونېزىيەنىڭ سۇلاۋېسى ئارىلىدىكى سوپۇتان يانار تېغى پارتلىدى
تېخى يېقىندىلا يەر تەۋرەش ۋە دېڭىز تاشقىنى پالاكىتىنى باشتىن كەچۈرگەن ھىندونېزىيەنىڭ سۇلاۋېسى ئارىلىدىكى سوپۇتان يانار تېغى پارتلىدى.
1061264
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كيودو خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ ھىندونېزىيەنىڭ ۋولقانولوگىيە ۋە گېئولوگىيەلىك ئاپەتنى ئازايتىش مەركىزىنى مەنبە قىلىپ بەرگەن خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، دېڭىز يۈزىدىن 1800 مېتىر ئېگىزلىكتىكى سوپۇتان يانار تېغى شۇ جاي ۋاقتى سائەت 08:47 مىنۇت ئۆتكەندە پارتلىغان.
سوپۇتان يانار تېغىدىن ئېتىلىپ چىققان كۈل ۋە تۇماننىڭ 4 كىلومېتىر ئېگىزلىككىچە ئۆرلىگەنلىكى ئەسكەرتىلدى. بىلدۈرۈلىشىچە، پارتلاشتا ئادەم ئۆلۈش ۋەقەسىنىڭ مەيدانغا كەلگەن ياكى كەلمىگەنلىكى ھازىرچە ئېنىق ئەمەس ئىكەن.
ھىندونېزىيەنىڭ سۇلاۋېسى ئارىلىسىدا 28 – سېنتەبىردە مەيدانغا كەلگەن يەر تەۋرەش ۋە ئارقىسىدىن يۈز بەرگەن دېڭىز تاشقىنىدا 1347 ئادەمنىڭ قازا قىلغانلىقى بىلدۈرۈلگەنىدى.