فىرانسىيە ئىراننى ئەيىبلىدى

فىرانسىيە ھۆكۈمىتى 30 – ئىيۇن كۈنى ئىران ئۆكتىچىلىرىنىڭ فىرانسىيەدىكى تەسىر كۈچىنى يوقىتىش نىشان قىلىنغان ھۇجۇمنىڭ پەردە ئارقىسىدا ئىران ئاخبارات ئورگىنىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى.

1061609
فىرانسىيە ئىراننى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «‹لې مومدې› گېزىتى» نىڭ دىپلوماتىك مەنبەلەرنى مەنبە كۆرسىتىپ خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر ھۇجۇمنىڭ پەردە ئارقىسىدا ئىران دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىشلىرى مىنىستىرلىقىدىن سەئىد ھاشىمى موغادام بار ئىكەن. خەۋەردە دېيىلىشىچە، فىرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژدا 30 – ئىيۇن كۈنى يۈز بەرگەن ئىران ئۆكتىچىلىرى تىركىشىش مىللىي كېڭىشىنىڭ تەسىر كۈچىنى يوقىتىش نىشان قىلىنغان ھۇجۇم پىلانى موغادام تەرىپىدىن تۈزۈلگەن بولۇپ، پارىژ ھۆكۈمىتى ئۇدا بىرقانچە ئاي داۋاملاشقان تەكشۈرۈشلەر ۋە كۆپ ساندا دۆلەت بىلەن ئاخبارات ئالماشتۇرۇش نەتىجىسىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن مەلۇماتلارغا ئاساسەن شۇنداق بايانات ھۆكۈم چىقارغان.

ھۇجۇم توغرۇلۇق ئىلگىرى 3 گۇماندار تۇتۇلغانىدى. فىرانسىيە تۈنۈگۈنمۇ يەنە، ئىران ئاخبارات ۋە دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ئىچكى بىخەتەرلىك ئىدارىسىغا ئائىت مال – مۈلۈكلەرنى ئۇدا 6 ئاي توڭلىتىپ قويغانلىقىنى جاكارلىدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، فىرانسىيە تاراتقۇلىرى فىرانسىيەنىڭ تېھرنغا يېڭى باش ئەلچى تەيىنلەش قارارىنى توڭلىتىپ قويغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. خەۋەردە، بۇ ھەقتە فىرانسىيە تەرىپىدىن تېخىچە رەسمىي بايانات ئېلان قىلىنمىغانلىقى، فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكروننىڭ سۈرىيە ئالاھىدە ۋەكىللىكىگە تەيىنلەنگەن فىرانسىيەنىڭ سابىق تېھران باش ئەلچىسى فرانچوئىس سېنېمائۇدنىڭ ئورنىغا ئىيۇن ئېيىدىن بۇيان باش ئەلچى تەيىنلەنمىگەنلىكى ئەسكەرتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر