ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابې ئىچكى كابىنېتغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزدى

كيودو خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابې ئىچكى كابىنېتتىكى 19 ۋەزىرنىڭ 13 ىنى ئالماشتۇرغان.

1060638
ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابې ئىچكى كابىنېتغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش ۋەزىر ئابې ئىچكى كابىنېتتا مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ئۆتەۋاتقان 6 ۋەزىرنىڭ ئورنىنى ساقلاپ قالغان؛ باش ۋەزىر ياردەمچىسى ۋە مالىيە ئىشلىرى ۋەزىرى تارو ئاسو، تاشقى ئىشلار ۋەزىرى تارو كونو، ئىچكى كابىنېت كاتىپى ۋە ھۆكۈمەت باياناتچىسى يوشىخىدې سۇگا، ئىقتىساد ۋە سودا – سانائەت ئىشلىرى ۋەزىرى خىروشىگې سېكو، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئىشلىرى ۋەزىرى توشىمىتسۇ موتېگى بىلەن زېمىن، ئۈستقۇرۇلما، قاتناش ۋە ساياھەت ئىشلىرى ۋەزىرى كېئىچى ئىشىئى قاتارلىقلار يېڭى كابىنېتتىمۇ ۋەزىپە ئۆتەشنى داۋاملاشتۇرىدىكەن.

مۇداپىئە، ئەدلىيە، ئىچكى ئىشلار، مائارىپ، سەھىيە، يېزا – ئىگىلىك، مۇھىت، قايتىدىن قۇرۇپ چىقىش، دۆلەت خەۋپسىزلىكى، باشقۇرۇش ئىسلاھاتى، ئۇچۇر – ئالاقە، رايون خاراكتېرلىك تەرەققىيات ۋە ئولىمپىك ئىشلىرى ۋەزىرلىكلىرىگە يېڭى ئەمەلدارلارنى تەيىنلىگەن.

20 – سېنتەبىردە ئۆتكۈزۈلگەن لېبېرال دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ قۇرۇلتىيىدا پارتىيە باشلىقلىقىغا نامزات بولۇپ ئابې بىلەن رىقابەتكە چۈشكەن سابىق مۇداپىئە ئىشلىرى ۋەزىرى شىگېرۇ ئىشىبانىڭ ئورنىغا ئاۋام پالاتا ئەزاسى تاكېشى ئىۋايا تەيىنلەنگەن.

قۇرۇلتايدا ۋەكىللەرنىڭ كۆپ سانلىقىنىڭ ئاۋازىغا ئېرىشكەن شىنزو ئابې، 2021 – يىلىغىچە پارتىيە باشلىقلىقىنى داۋاملاشتۇرۇش سالاھىيىتىگە ئىگە بولغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر