ئىراندا تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسىدە پارتلاش يۈز بەردى
ئىراننىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى ھۇزىستان ئۆلكىسىدە تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسىدە پارتلاش يۈز بەردى.
1060818
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھۇزىستان جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش قوماندانلىق مەركىزىنىڭ باشلىقى قىيۇمېرس ھاجىزادە، باغ مەلىك ناھىيەسى ئەتراپىدىكى ھۇزىستان – ئىسفاھان تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسىدە پارتلاش يۈز بەرگەنلىكىنى، پارتلاشتىن كېيىن بىخەتەرلىك كۆزدە تۇتۇلۇپ، يېقىن ئەتراپتىكى ئاھالىلەرنىڭ تارقاقلاشتۇرۇلغانلىقىنى ئېيتقان.
ھۇزىستان ئۆلكىسىگە قاراشلىق ئاھۋاز 22 – سېنتەبىر كۈنى ئىران – ئىراق ئۇرۇشىنىڭ 38 – يىللىقىنى خاتىرىلىش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن ھەربىي پارات جەريانىدا تېررورلۇق ھۇجۇمىغا سەھنە بولغان، ھۇجۇمدا 25 كىشى قازا قىلغان، 69 كىشى يارىلانغانىدى.