ئامېرىكا ئىراننى مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىش بىلەن ئەيىبلىدى

ئامېرىكا ئىراننىڭ فىرات دەرياسىنىڭ شەرقىگە راكېتامىيوت ئېتىشىنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىش بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

1060319
ئامېرىكا ئىراننى مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىش بىلەن ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى مۇدپىئە مىنىستىرلىقى-پېنتاگون ئىراننىڭ فىرات دەرياسىنىڭ شەرقىگە راكېتامىيوت ئېتىشىنىڭ «ھەربىي ۋە ئاممىۋى ئاۋىئاتسىيەسى»گە خەۋپ ئېلىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

پېنتاگون باياناتچىلىرىدىن ئوفىستېر سېن روبېرتسون، ئىراننىڭ ئالدىنقى كۈنى سۈرىيەنىڭ شەرقىدىكى بەزى نۇقتىلارغا، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى خەلقئارا ئىتتىپاقداش قىسىملىرىدىن خەۋەرسىز ھالدا راكېتامىيوت ئاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئوفىستېر سېن روبېرتسون: ئىراننىڭ ھۇجۇمى خەلقئارا ئىتتىپاقداش قىسىملىرىغا زىيان ئېلىپ كەلمىگەن بولسىمۇ، لېكىن بىز بۇ ئىشنى بولدى قىلمايمىز. رايوننىڭ ھاۋا رايى نەزەرگە ئېلىنغىنىدا بۇنداق ھۇجۇملار دائېشقا قارشى كۈرەشلەرنى خەتەرگە ئىتتىرىدۇ، دېدى.

ئامېرىكانىڭ سۈرىيەدە ئالاقە تورى قۇرۇپ چىققانلىقىنى، لېكىن ئىراننىڭ بۇ خىلدىكى تەدبىرلەرنى ئالمىغانلىقىنى ئېيتقان روبېرتسون مۇنداق دېدى: «بىر-بىرىمىزدىن خەۋەرسىز ھالدا ئېلىپ بېرىلغان بۇنداق ھەرىكەتلەر ئاممىۋى ۋە ھەربىي ئاۋىئاتسىيەسىنى خەتەرگە ئىتتىرىدۇ.»

روبېرتسون: خەلقئارا ئىتتىپاقداش قىسىملىرى دائېشنىڭ ئوتتۇرا فىرات ۋادىسىدىكى قالدۇقلىرىنى تەلتۆكۈس يوق قىلالايدىغان قابىلىيەتكە ئىگە. ئىراننىڭ بۇ يەردىكى ھەر بىر قىلمىشى ۋەزىيەتنى تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈرمەكتە، دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر