تۈركىيەگە «F-35» لەرنى تاپشۇرۇپ بېرىش جەھەتتە ھېچقانداق ئۆزگىرىش يوق

«F-35» ئايروپىلانى پىروگراممىسىنىڭ مۇئاۋىن دىرېكتورى مات ۋىنتېر ئىككى دانە ئايروپىلاننى مارت ئېيىدا تۈركىيەگە تاپشۇرۇپ بېرىشنى ساقلاۋاتقانلىقلىرىنى ئېيتتى.

1060401
تۈركىيەگە «F-35» لەرنى تاپشۇرۇپ بېرىش جەھەتتە ھېچقانداق ئۆزگىرىش يوق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مات ۋىنتېر «F-35» پىروگراممىسى ئىشخانىسىدا مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، تۈركىيەنىڭ «F-35»  5-ئەۋلاد ئايروپىلانى پىروگراممىسىغا قاتنىشىشتا ھېچقانداق ئۆزگىرىشنىڭ بولمىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ: «يەنە ئىككى ئايروپىلاننىڭ 2019-يىلى مارت ئېيىدا تاپشۇرۇپ بېرىلىشىنى كۈتۈۋاتىمىز. 100 ئايروپىلاننىڭ تاپشۇرۇپ بېرىلىشىدە ئۆزگىرىش بولغانلىقىدىن ھېچقانداق بېشارەت يوق» دېدى.

ئۇ ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى (پېنتاگون، بەش بۇرجەكلىك بىنا) نىڭ 90 كۈن ئىچىدە كونگرەگە تۈركىيەگە مۇناسىۋەتلىك دوكلات سۇنۇش شەرتىنى خاتىرىلەتكەن ھالدا: «دوكلات ئۈچۈن تېخنىكىلىق ۋە پىروگرامما ھەققىدىكى دوكلاتلارنى تەييارلىدۇق، دوكلات 90 كۈن ئىچىدە سۇنۇلۇپ بولىدۇ» دېدى.

تۈركىيە ئىيۇن ئېيىدا ئىككى دانە «F-35» نى تاپشۇرۇۋالغان ئىدى.

2002-يىلدىن باشلاپ «F-35» پىروگراممىسىغا قاتناشقۇچى دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولغان تۈركىيە، 100 دانە «F-35»  سېتىۋېلىشنى ۋەدە قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر