جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدا ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئارسىدا سۈركىلىش يۈز بەردى

جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدا ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى بىلەن خىتاي دېڭىز ئارمىيەسى ئوتتۇرىسىدا سۈركىلىش يۈز بەردى.

1060300
جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدا ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئارسىدا سۈركىلىش يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتايغا تەۋە ئۇرۇش پاراخوتلىرى جەنۇبىي خىتاي دېڭىزدىكى تالاش-تارتىشلىق ئاراللارغا كىرگەن ئامېرىكاغا تەۋە « USS Decatur » ناملىق پاراخوتقا ئاگاھلاندۇرۇش بەردى.

بىر خىتاي ھەربىي ئەمەلدار خىتاي ئۇرۇش پاراخوتلىرىنىڭ ئامېرىكا پاراخوتىغا «بىخەتەر بولمىغان»مۇساپىغىچە يېقىنلاشقانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا تاراتقۇلىرىمۇ خىتاي ئۇرۇش پاراخوتلىرىنىڭ جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدا ئامېرىكا ئۇرۇش پاراخوتىغا 15مېتىردەك يېقىنلاشقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئامېرىكا پاراخوتىنىڭ تالاش-تارتىشلىق <سپارتلى ئاراللىرى>نىڭ خەلقئارا قانۇندا كۆرسىتىلگەن 12 دېڭىز مىل بولغان دېڭىز تەۋەلىكىگە كىرىشىگە قارىتا، خىتاي ئۇرۇش پارخوتلىرىنىڭ ھەرىكەتكە ئۆتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ئامېرىكا ھەربىي ئارمىيەسى « USS Decatur »ناملىق ھەربىي پاراخوتنىڭ يەكشەنبە كۈنى دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدا ئىختىلاپ مەسىلىسى بولۇپ كېلىۋاتقان «سپارتلى ئاراللىرى»نىڭ 12 مىللىق دېڭىز تەۋەلىكىگە كىرگەنلىكىنى ئۇقتۇرغانىدى.

بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ ئاي خىتاينى زىيارەت قىلىشنى پىلانلىغان ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرى جىم ماتتىس خىتاي زىيارىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇۋەتكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر