رۇسىيە: سۈرىيەدە 112 ئەسكىرىمىز ئۆلدى

رۇسىيە فېدېراتسىيە كېڭىشى مۇداپىئە ۋە خەۋپسىزلىك ئىشلىرى كومىتېتى باشلىقى ۋېكتور بوندارېۋ، رۇسىيە سۈرىيەدە ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشنى باشلىغاندىن بۇيانقى 3 يىللىق مۇساپىدە، 112 ئەسكەرنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

1059884
رۇسىيە: سۈرىيەدە 112 ئەسكىرىمىز ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋېكتور بوندارېۋ، رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ سۈرىيەدە ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشنى باشلىغانلىقىنىڭ ئۈچىنچى يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن مەتبۇئاتقا بايانات بەردى؛ سوۋېت ئىتتىپاقى مەزگىلىدە ئافغانىستاندا دەسلەپكى ئۈچ يىل ئىچىدە 4800 ئەتراپىدا ئەسكەر، كەم دېگەندە 60 تانكا، 400 بىرونېۋىك، 15 ئايروپىلان، 97 تىك ئۇچار ئايروپىلاندىن ئايرىلىپ قالغانلىقلىرىنى خاتىرىلىتىپ ئۆتكەن بوندارېۋ، «ھازىرغىچە ئارمىيەمىز سۈرىيەدە 112 ئەسكىرىدىن ئايرىلىپ قالدى. بۇ ئەسكەرلەرنىڭ يېرىمىغا يېقىنى ئان-26 ئايروپىلان قازاسى ۋە ئىل-20 ئايروپىلانىنىڭ چۈشۈرۈۋېتىلىشى نەتىجىسىدە ئۆلدى. بۇنىڭدىن باشقا 8 ئايروپىلان، 7 تىك ئۇچار ئايروپىلان ۋە بىر قانچە دانە بىرونېۋىكتىن ئايرىلىپ قالدۇق» دېدى.

ئۇ، 2003 – 2006 – يىللىرى ئارىسىدا ئىراقتا ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەتلەردە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاقداش كۈچلەرنىڭ 2515 ئەسكەر، 10 – 20 ئەتراپىدا تانكا، كەم دېگەندە 50 دانە بىرونېۋىك، 15 ئايروپىلان ۋە 80 گە يېقىن تىك ئۇچار ئايروپىلانىدىن ئايرىلىپ قالغانلىقىنى بىلدۈردى.

رۇسىيەنىڭ ئان-26 تىپلىق ھەربىي يۈك ئايروپىلانى مۇشۇ يىلى 6 – مارتتا ھمەيمىم ھاۋا ئارمىيە بازىسىدا تېخنىكىلىق كاشىلا تۈپەيلى چۈشۈپ كېتىپ، ئايروپىلاندىكى 39 رۇس ئەسكەر جېنىدىن ئايرىلغانىدى.

سۈرىيەدە 17 – سېنتەبىردە 15 ئەسكەر ئولتۇرغان رۇسىيەنىڭ ئىل-20 تىپلىق ھەربىي ئايروپىلانى ئاقدېڭىز ئۈستىدە چارلاش ئېلىپ بېرىۋاتقاندا سۇرىيە ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرى تەرىپىدىن ئېتىپ چۈشۈرۈۋېتىلگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر