مۇھەممەد بىن سەلمان كۇۋەيتتە زىيارەتتە بولدى

سەئۇدى ئەرەبىستان تەخت ۋارىسى شاھزادىسى مۇھەممەد بىن سەلمان، كۇۋەيت ئەمرى شەيخ ساباھ ئەلئەھمەد ئەلجابىر ئەسساباھ بىلەن «پارس قولتۇقى ھەمكارلىقى»غا ھەمدەم بولۇش يولىدىكى خىزمەتلەر توغرىسىدا سۆزلەشتى.

1059882
مۇھەممەد بىن سەلمان كۇۋەيتتە زىيارەتتە بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كۇۋەيت رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى – كۇنانىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مۇھەممەد بىن سەلمان تەخت ۋارىسلىققا تەيىنلەنگەن 2017 – يىلى 21 – ئىيۇندىن بۇيانقى تۇنجى قېتىملىق كۇۋەيت زىيارىتى دائىرىسىدە، ھاۋەللى شەھىرىدىكى بەيان سارىيىدا كۇۋەيت ئەمرى شەيخ ساباھ ئەلئەھمەد ئەلجابىر ئەسساباھ، بىلەن كۆرۈشۈپ، سەئۇدى ئەرەبىستان – كۇۋەيت مۇناسىۋەتلىرى، بۇ مۇناسىۋەتلەرنى گۈللەندۈرۈش يوللىرى ۋە رايونغا ئالاقىدار ئەڭ يېڭى مەسىلىلەر توغرىسىدا سۆزلەشكەن.

ئىككى رەھبەرنىڭ ئۇچرىشىشىغا كۇۋەيت تەرەپتىن تەخت ۋارىسى شەيخ نەۋۋاف ئەلئەھمەد ئەلجابىر ئەسساباھ، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شەيخ ساباھ ئەلخالىد ئەلھەمەد ئەسساباھ، مىنىستىر ئەلى ئەلجەرراھ  قاتارلىقلارمۇ قاتناشقان.

كۇۋەيت مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خالىد ئەلجارۇللاھ تۈنۈگۈن بايانات بېرىپ، زىيارەتنىڭ مۇناسىۋەتلەرنى گۈللەندۈرۈش جەھەتتە ھەر ئىككى دۆلەت ئۈچۈن بىر تارىخىي پۇرسەت ئىكەنلىكىنى ئېيتقانىدى.

سەئۇدى ئەرەبىستان تەخت ۋارىسى شاھزادىسى مۇھەممەد بىن سەلمان تۈنۈگۈن كەچتە كۇۋەيتكە يېتىپ بارغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر