خوڭكوڭدا ئامېرىكىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

خوڭكوڭدا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ خىتايغا قاراتقان سودا ئۇرۇشىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

1059874
خوڭكوڭدا ئامېرىكىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى
hong kong abd gosteri2.jpg
hong kong abd gosteri1.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىگە قاراشلىق خوڭكوڭدىكى ئامېرىكا كونسۇلخانىسى ئالدىغا يىغىلغان نامايىشچىلار، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ۋە دونالد ترامپقا نارازىلىق بىلدۈردى. بەزى نامايىشچىلار، ترامپنىڭ رەسىمىنى كۆيدۈرگەن بولسا، يەنە بەزى نامايىشلار، مەركىزى ئامېرىكىغا جايلاشقان تېخنولوگىيە شىركىتى «ئالما» نىڭ ئايفونلىرى سۇندۇردى.

ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى بىر «سودا ئۇرۇشى» نىڭ باشلانغۇچى دەپ قارىلىۋاتقان ئۆزگىرىشلەر، ترامپ دائىرىلىرىنىڭ 23 – مارتتا ئىمپورت قىلىنىدىغان پولات ۋە ئاليۇمىنغا تەرتىپى بويىچە %25 ۋە %10 قوشۇمچە تاموژنا بېجى قويۇشى بىلەن باشلىدى. بېيجىڭ ۋاشىنگتونغا جاۋابەن ئاپرېل ئېيىنىڭ بېشىدا ئامېرىكىنىڭ 128 تۈرلۈك مەھسۇلاتىغا %15 بىلەن %25 ئارىسىدا باج قويغانىدى.

ئامېرىكا دائىرىلىرى يەنە، خىتاينىڭ ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ تېخنولوگىيەلىرىنى ۋە پىكىرىي ھوقۇقلىرىنى قولغا كىرگۈزۈش يولىدا قانۇنسىز پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جەمئىي 50 مىليارد دوللار قىممىتىدىكى خىتاي مەھسۇلاتىغا ئىيۇل ۋە ئاۋغۇست ئايلىرىدا %25 قوشۇمچە تاموژنا بېجى قويۇپ ئىجرا قىلىشنى باشلىغانىدى. خىتاي سودا مىنىستىرلىقى ئامېرىكىنىڭ بۇ قارارىغا جاۋابەن، ئامېرىكىدىن ئىمپورت قىلىنغان 50 مىليارد دوللار قىممىتىدىكى 659 خىل مەھسۇلاتقا %25 تاموژنا بېجى قويۇشقا باشلىدى.

بېيجىڭنىڭ بۇ قەدىمىدىن كېيىن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، خىتايدىن ئىمپورت قىلىنىدىغان قىممىتى 200 مىليارد دوللاردىن ئاشىدىغان مەھسۇلاتقا 24 – سېنتەبىردىن باشلاپ %10 قوشۇمچە تاموژنا بېجى قويۇش تۈزۈمىنى ئىجرا قىلىشقا باشلىدى. بېيجىڭ بۇنىڭغا جاۋابەن، 60 مىليارد دوللار قىممىتىدىكى ئامېرىكا مەھسۇلاتىغا قوشۇمچە باج قويدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر