خىتاي: ئامېرىكىنىڭ تەھدىتلىرىگە باش ئەگمەيمىز

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى دۆلىتىنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ تەھدىتلىرى ۋە بېسىملىرىغا باش ئەگمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1059007
خىتاي: ئامېرىكىنىڭ تەھدىتلىرىگە باش ئەگمەيمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋاڭ يى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ نىيۇ يورك شەھىرىدە چاقىرىلغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 73 – نۆۋەتلىك ئومۇمىي كېڭەش يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، خىتاي مەھسۇلاتلىرىدىن قوشۇمچە تاموژنا بېجى ئېلىش سىياسىتىنى يولغا قويۇش ئارقىلىق «سودا ئۇرۇشى» قوزغىغان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ھۆكۈمىتىنى تەنقىد قىلىپ مۇنداق دېدى: «خەلقئارالىق سودا ھەرگىزمۇ بىرى قازانسا، يەنە بىرى زىيان تارتىدىغان بىر ئويۇن بولماسلىقى كېرەك. دۆلىتىمىز ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ تەھدىتلىرى ۋە بېسىملىرىغا باش ئەگمەيدۇ. ئاراكان كىرىزىسىگە كەلسەك، بىرما ۋە باڭلادېش دائىرىلىرى بىلەن داۋاملىق ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ بېرىۋاتىمىز. جۈملىدىن، بىرما بىلەن باڭلادېش ئۆي – ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان ئاراكان مۇسۇلمانلىرىنىڭ يېزا – قىشلاقلىرىغا قايتىشىنى تېزلىتىش مەسىلىسىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلدى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر