شىۋېتسىيە تېلېۋىزىيەسى خىتايدىن كەچۈرۈم سورىدى

شىۋېتسىيە دۆلەت تېلېۋىزىيەسى «SVT» خىتاي ساياھەتچىلەر ھەققىدە بىر ھەجىۋىلەشتۈرۈش پىروگراممىسىدا خىتاينى كەمسىتىش خاراكتېرلىك سۆزلەرنى ئىشلەتكەنلىكى ئۈچۈن كەچۈرۈم سورىدى.

1057725
شىۋېتسىيە تېلېۋىزىيەسى خىتايدىن كەچۈرۈم سورىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  شىۋېتسىيە دۆلەت تېلېۋىزىيەسى «SVT» نىڭ سۋېنساكا نايھېتېر تەرىپىدىن سۇنۇلىدىغان «ھەپتىلىك شىۋېتسىيە خەۋەرلىرى» ناملىق ھەجىۋىلەشتۈرۈش پىروگراممىسىدا خىتاي ساھەتچىلەرنى كەمسىتىش خاراكتېرلىق ئوخشىتىش ۋە سۆزلەر ئىشلىتىلگەن ئىدى.

پىروگراممىنىڭ ھازىرلىغۇچىسى توماس ھال تېلېۋېزىيەنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، خاتا جۈشنۈش كېلىپ چىققانلىقىنى بىلدۈرۈپ، پىروگرامما سەۋەبىدىن ئۆزلىرىنىڭ كەمسىتىلگەنلىكىنى ھېس قىلغان خىتايلاردىن سەمىمىي ھالدا كەچۈرۈم سورايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

پىروگرامما ئېلان قىلىنىشى بىلەن تەڭلا خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى شىۋېتسىيەگە رەسمىي ھالدا نارازىلىق بىلدۈرگەن ئىدى.

خىتايلارغا قارشى ئىرقىي ئايرىمچىلىق قىلىنغانلىقىنى ۋە خىتاي پۇقرالىرىنىڭ كەمسىتلىگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، قارشى جاۋاپ قايتۇرۇپ ھوقۇقلىرىنى ساقلاپ قالغانلىقلىرىنى ئىما قىلىپ، شىۋېتسىيە دۆلەت تېلېۋىزىيەسى «SVT» نىڭ كەچۈرۈم سورىشىنى تەلەپ قىلغان ئىدى.

شىۋېتسىيەنىڭ پايتەختى سىتوكھولىمدا 3 خىتاي ساياھەتچى ئالدىن ئورۇن تۇتۇپ قويغان مېھماخانىغا مۇددەتتىن 5 سائەت بۇرۇن كېلىۋېلىشى تۈپەيلىدىن مېھمانخانا زالىدا تالاش تارتىش يۈز بەرگەن ئىدى.

مېھمانخانا خادىملىرىنىڭ تەلىپىگە بىنائەن ساقچىلار خىتاي ساياھەتچىلەرنى مېھمانخانىدىن مەجبۇر قوغلاپ چىقارغان بولۇپ، بۇ ۋەقە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا دېپلوماتىك يىركچىلىككە سەۋەب بولغان ئىدى.

خىتاي ساياھەتچىلەرنىڭ مېھمانخانىدىن مەجبۇر قوغلاپ چىقىرىلىشى ۋە ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنى يەرگە ئېتىپ، «ۋاي جىنايەت ئۆتكۈزۈلمەكتە! بىزنى قۇتقۇزۇڭلار» دەپ ۋاقىرىغان كۆرۈنۈشلىرى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كۆرۈلۈش رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىغان ئىدى.

شىۋېتسىيە دۆلەت تېلېۋىزىيەسى «SVT» بۇ ۋەقەنى مەسخىرە قىلىش ۋە كەمسىتىش خاراكتېرلىك سۆزلەر بىلەن پىروگراممىدا خەۋەر قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر